UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلارمىڭ يىللىق بۇتسۇداننى كىم سالغان

مىڭ يىللىق بۇتسۇداننى كىم سالغان

چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار ھىندۇنېزىيىدىكى ياۋا ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا دۇنياغا داڭلىق1000 يىللىق بۇتسۇدان − بوروبۇدۇر مۇنارى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.1 مىليون200 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق چوڭ تاش پارچىسىدىن سېلىنغان بۇ ئىمارەتنىڭ ئۈستىگە ھەيۋەتلىك بىر ئاق مۇنار ئورنىتىلغان، مۇنارنىڭ ئاستىدا ئۇزۇنلۇقى4800 مېتىر كېلىدىغان ئۈچ قەۋەت چەمبەرسىمان ئايۋان بار، ئۇنىڭدا يەنە72 قوڭغۇراقسىمان كىچىك مۇنار ۋە432 بۇت تەكچىسى بار، تەكچىدىكى بۇتلارنىڭ تۇرقى ھەر خىل بولۇپ، بەئەينى تىرىكتەك كۆرۈنىدۇ. پۈتكۈل بۇتسۇدان خۇددى ئەينەن ئوبرازلىق بۇددا تارىخىغا ئوخشايدۇ، ئۇ خۇددى ئايلېندرالىقلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر تەڭرى بۇرخان − بۇددانىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى ھېكايە قىلىپ بېرىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. بوروبۇدۇر مۇنارى مىلادىيە8 -،9 - ئەسىرلەردىكى ھىندۇنېزىيىنىڭ ئايلېندرا سۇلالىسى مەزگىلىدىكى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش. بىراق مۇشۇنداق ئۆچمەس بۇتسۇداننى قالدۇرۇپ كەتكەن سۇلالىدە يازما خاتىرىنىڭ بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇنى كىمنىڭ، نېمە ئۈچۈن سالدۇرغانلىقى توغرىسىدا كىشىلەرنىڭ بىلىدىغىنى تولىمۇ ئاز، شۇڭا ئايلېندرا سۇلالىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ بۇتسۇداننى سالدۇرغانلىقىغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان قاراشلار كۆپ. بەزى ئالىملار: بوروبۇدۇر مۇنارىنى ياۋالىقلارنىڭ ئەجدادلىرى ياسىغان. ئايلېندرا سۇلالىسى ياۋادىكى بۇددا دىنىغا چوقۇنىدىغان خانلىق بولۇپ، گۈللىنىپ كۈچەيگەندىن كېيىن ھۆكۈمران، ئاۋام قەلبىدە چوقۇنىدىغان بىر مەبۇدنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، زور ماددىي ۋە ئادەم كۈچنىڭ سەرپ بولۇشىغا قارىماي بۇ بۈيۈك بۇددىزم قۇرۇلۇشلىرىنى سالدۇرغان. بۇددانىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن توپ ھەيكەللەر ئىچىدە ياۋالارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئولتۇرغان ئۆي، بۇتخانا ۋە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى بار. مانا بۇ ئۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقارغان. ھىندىشۇناسلار بۇنىڭغا باشقىچە قاراشتا. ئايلېندرا سانسكرىت تىلىدا »تاغلار شاھى« دېگەننىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. «تاغلار شاھى» دېگەن بۇ سۆز ئەينى ۋاقىتتىكى ھىندىستانلىقلارنىڭ ئىلاھ شىۋەنى ئۇلۇغلاپ ئاتىشى ئىدى. جەنۇبىي ھىندىستاننىڭ پەندىيا سۇلالىسىدىمۇ «مىنەنجىتا ئايلېندرا» دېگەن نام بار. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بوروبۇدۇر مۇنارىنى سالغان ئايلېندرالىقلار جەنۇبىي ھىندىستاندىكى پەندىيالىقلار بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەيكەللەردە قويۇق ھىندى كلاسسىك ئۇسلۇبى ۋە بۇتخانا ئەنئەنىلىرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. يەنە بەزىلەر بوروبۇدۇر مۇنارىنىڭ يىلتىزى قەدىمىي بۇددا دۆلىتى كامبودژىدا بولۇشى مۇمكىن دېيىشىدۇ، چۈنكى كامبودژا تارىخىدا فۇنەن دېگەن بىر خانلىق ئۆتكەن، فۇنەن پادىشاھىنىڭمۇ «تاغلار شاھى» دېگەن نامى بار ئىدى. فۇنەن خانلىقى بىلەن ئايلېندرا سۇلالىسىنىڭ يىللىرى ناھايىتىمۇ يېقىن كېلىدۇ، بەلكىم ياۋانىڭ شاھزادىسى فۇنەن خانلىقىنىڭ مەلىكىسىگە ئۆيلىنىپ، «تاغلار شاھى» دەپ ئاتالغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بوروبۇدۇر مۇنارى فۇنەن بۇددا دىنىنىڭ ئايلېندراغا تارقالغاندىن كېيىنكى جەۋھىرى. بوروبۇدۇر مۇنارىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى تېخىچە سىر بولۇپ تۇرماقتا.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
مىڭ يىللىق بۇتسۇداننى كىم سالغان | UyghurWiki | UyghurWiki