UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلارمونالىزانىڭ سىرلىق كۈلۈمسىرىشى

مونالىزانىڭ سىرلىق كۈلۈمسىرىشى

چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار داۋىنچى سىزغان رەسىم «مونالىزا» ياۋروپا ئەدەبىيات - سەنئەت قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئەڭ نادىر رەسىملەرنىڭ بىرى. بۇ رەسىمدىكى ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك − مونالىزانىڭ كۈلۈمسىرىشى، شۇڭا بەزى كىشىلەر بۇ رەسىمگە «كۈلۈمسىرەش» دەپ نام قويۇۋالغان. لېكىن مونالىزانىڭ كۈلۈمسىرىشىمۇ كىشىلەر بەس - مۇنازىرە قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان. رەسسامنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى مونالىزا ئەمەلىي تۇرمۇشتا راست ئۆتكەن ئايال بولۇپ، ئۇ ئىتالىيىلىك بىر باينىڭ ئايالى ئىدى. داۋىنچى ئۇنىڭ رەسىمىنى سىزغان ۋاقىتتا مونالىزا ئامراق قىزىدىن ئەمدىلا ئايرىلىپ كەتكەچكە، كۆڭلى پەرىشان بولۇپ تۇرغان ۋاقىتلىرى ئىدى، شۇڭا رەسسام ئۇنىڭ كەيپىياتىنى قوزغاش ئۈچۈن، ئادەم تەكلىپ قىلىپ بىر ياقتا پىئانىنو چالدۇرغان، قىزىقچىلارغا قىزىقارلىق نومۇرلارنى ئورۇنداتقان، بۇ تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە، بۇ گۈزەل ئايال ئاخىر ئىچ - ئىچىدىن تاتلىققىنە بىر كۈلۈمسىرەپ قويغان. رەسسام ئەسىرىدە دەل مۇشۇ قىسقىغىنە كۈلۈمسىرەشنى ئىپادىلىگەن. ئەمما رەسىمنى كۆرگەن سانسىزلىغان كىشىلەر بۇ كۈلۈمسىرەشنى بىر خىل سىرلىق ھېس قىلىدۇ، گاھى كىشىنى مەپتۇن قىلسا، بەزىدە قايغۇلۇق ھەسرەتتىن كىشىنىڭ يۈرەك تارلىرىنى چېكىدۇ، بەزىدە گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ھېس قىلدۇرىدۇ. ... ئىشقىلىپ رەسىمنى كۆرگەنلەرنىڭ ھېس - تۇيغۇلىرى ئوخشاش ئەمەس، شۇڭا بۇ كۈلۈمسىرەشكە قارىتا ھەر خىل پەرەز ۋە چۈشەنچە پەيدا بولىدۇ. مونالىزانىڭ كۈلۈمسىرىشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن مۇلاھىزە ئېلىپ باردى. بىرقەدەر ئومۇملاشقان كۆزقاراشتا، مونالىزانىڭ كۈلۈمسىرىشىگە رەسسامنىڭ قىممەتلىك ئىجادىيەت مەقسىتى يۇغۇرۇلغان، داۋىنچى ياشىغان دەۋر دەل غەربىي ياۋروپا ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىپ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋرى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەسسام ئۆزىمۇ بۇ دەۋردىكى كاتتا ئۇستىلارنىڭ بىرى ئىدى. شۇڭا بۇ بۇرژۇئازىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىق ئەھۋالنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، بۇ رەسىمنى ئىجاد قىلغان. مونالىزانىڭ كۈلۈمسىرىشى يېڭى دەۋردىكى يېڭى شەخسلەرنىڭ ئوبرازىغا سىمۋول قىلىنغان، ئۇنىڭدا كەلگۈسىگە، چىنلىق، ئاق كۆڭۈللۈك ۋە گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىش گەۋدىلەنگەن، مونالىزا دەل يېڭى گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ ئەينەن ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، دېيىلگەن. ئەمما بۇ قاراش ھەرگىزمۇ يەكۈن ئەمەس، مونالىزانىڭ كۈلۈمسىرىشى تا ھازىرغىچە سىر بولۇپ تۇرماقتا.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار