UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلارترويا ياغاچ ئېتى قانداق نەرسە

ترويا ياغاچ ئېتى قانداق نەرسە

چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار بۈگۈنكى كۈندە، «ترويا ياغاچ ئات ھىيلىسى» دۈشمەننىڭ ئىچىگە كىرىش دېگەن سۆز ئورنىدا ئىشلىتىلمەكتە. ئۇ يۇنان ئەپسانىسىدىن كەلگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى12 - ئەسىردە يۇنانلىقلار كىچىك ئاسىيادىكى ترويا شەھەر دۆلىتى بىلەن10 يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇش ئېلىپ بارغان. ئۇرۇشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ترويا شاھزادىسىنىڭ سپارتا پادىشاھىنىڭ ئايالىنى ئالداپ كەتكەنلىكى سەۋەب بولغان. دەرغەزەپكە كەلگەن يۇنانلىقلار100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەييارلاپ1000 دىن ئارتۇق ئۇرۇش كېمىسى بىلەن دېڭىزدىن ئۆتۈپ ترويا شەھىرىنى قاتمۇقات مۇھاسىرىگە ئالغان، ئەمما ترويالىقلار شەھەر سېپىللىرىنىڭ ئېگىز ھەم قېلىن بولۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، قەيسەرلىك بىلەن قارشى تۇرغان. ئۇرۇش توپتوغرا توققۇز يىل ئېلىپ بېرىلغان. يۇنانلىقلار ترويا شەھىرىنى زادىلا ئالالمىغان، ئۇلار شەھەرنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىشنىڭ كار قىلمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ھىيلە ئارقىلىق ئېلىشنى قارار قىلغان، شۇنىڭ بىلەن پاراسەتلىك ئودىسسېئۇس «ياغاچ ئات ھىيلىسى» نى ئويلاپ چىققان. پىلان بويىچە يۇنان قوشۇنى غايەت زور بىر ياغاچ ئاتنى ياساپ، ئودىسسېئۇس ۋە باشقا قوراللانغان يۇنان قەھرىمانلىرىنى ئاتنىڭ قورسىقىغا يوشۇرۇپ قويغان. يۇنانلىقلار ئۇرۇش قىلىش رايىدىن يېنىپ ئالدىراپ چېكىنگەن قىياپەتتە ياغاچ ئاتنى ترويا شەھەر سىرتىغا باشلاپ كېتىشكەن، ترويالىقلار بۇنىڭ ھىيلە ئىكەنلىكىنى بىلمەي، جەڭ مەيدانىنى تازىلىغان ۋاقىتتا ياغاچ ئاتنى ئولجا سۈپىتىدە شەھەر ئىچىگە ئېلىپ كىرگەن. كېچىسى ترويالىقلار غەلىبىنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىپ، ھوشيارلىقنى پۈتۈنلەي يوقاتقان پەيتتە ياغاچ ئات ئىچىدىكى باتۇرلار چىقىپ سىرتتىكى ياردەمگە كەلگەن يۇنان قوشۇنلىرى بىلەن ئىچكى - تاشقى جەھەتتىن ماسلىشىپ، ترويا شەھىرىنى بىراقلا ئالغان. شەھەرنى ئېلىشقا ئىشلەتكەن بۇ ياغاچ ئاتنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىگە قارىتا ھەقىقىي خاتىرە كەمچىل. بەزىلەر بۇ ئەسلىدىنلا بىر ئەپسانە، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمىغان، دېيىشىدۇ. ئۆمۈر بويى يۈرەك قېنىنى «ھومېر داستانى» نى تەتقىق قىلىشقا سەرپ قىلغان مېكسىكىلىق ئالىم روبېرت سالىناس پىلايىس: ترويا شەھىرى كىچىك ئاسىيادا بولماستىن، بەلكى كابېلا بازىرىدا، بۇ بازار بۈگۈنكى يۇگوسلاۋىيە چېگرىسى ئىچىدىكى نەيلېتۋا دەرياسىنىڭ ئادرىئاتىك دېڭىزىغا قۇيۇلىدىغان جايىغا توغرا كېلىدۇ. ئودىسسېئۇس لايىھىلىگەن «ترويا ياغاچ ئېتى» ياغاچتىن ياسالغان «ئات» بولماستىن، بەلكى نەيلېتۋا دەرياسىدا دائىم ئۇچرايدىغان، ئالدى قىسمى ئاتنىڭ باش ھەيكىلى بىلەن بېزەلگەن كېمىدىن ئىبارەت. ترويالىقلار ئۇنى ئۆزىنىڭ كېمىسىگە ئوخشىتىپ قېلىپ ئۆتكۈزۈۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن دۆلىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك ئېغىر پاجىئەلىك ئاقىۋەتكە قالغان، دەپ قارايدۇ. سالىناسنىڭ كۆزقارىشىنى ئىلمىي ساھەدىكىلەر قوبۇل قىلمىدى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا قارشى پىكىردە بولۇشتى. ترويا ياغاچ ئات ھىيلىسىدىكى «ئات» ياغاچتىن ياسالغان ئاتمۇ ياكى كېمىمۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە تا ھازىرغىچە تالاش - تارتىش بولماقتا.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار