مايا مەدەنىيىتى قانداق يوقالغان
چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
ناۋادا سىز مېكسىكىدىن كەلگەن ئىندىئاندىن ئۇنىڭ ئەجدادىنى سورىسىڭىز، ئۇ ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا، ئۆزىنىڭ شەرەپلىك مايالارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
مىلادىيىدىن3000 يىل ئىلگىرىكى مايا مەدەنىيىتى يىراق قەدىمكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ پارلاق مەدەنىيەتلىرىنىڭ بىرى. مايالىقلار خېلى بۇرۇنلا مول ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى ئىگىلىگەن. يۇنانلىقلار پەقەت رىۋايەتلەرگە ئاساسلىنىپ ئالەمنى قىياس قىلىۋاتقان مەزگىلدە، مايالىقلار365 كۈننى بىر يىل قىلىشنى بىلگەن ھەمدە ھەر تۆت يىلدا بىر كۈننى قوشۇشنى ئۇققان. ئۇلارنىڭ ۋېنېرانىڭ كۈننى بىر ئايلانغاندىكى ۋاقتىغا بولغان ھېسابىنىڭ خاتالىق پەرقى ئەينى زاماندىكى جۇڭگولۇقلار ۋە ياۋروپالىقلارنىڭكىدىن تېخىمۇ ئاز. ئۇلارنىڭ800 دىن ئارتۇق تەسۋىرىي يېزىق بەلگىسى بار بولۇپ، موي قەلەم بىلەن فارفور ۋە دەرەخ قوۋزىقىغا ئۆزلىرىنىڭ تارىخ، پەن - تېخنىكا، رىۋايەت ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى خاتىرىلىگەن. ئۇلار سالغان «قۇياش» ۋە «ئاي» ئېھرامىنىڭ كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، مۇنار ئۈستىدىكى ئىبادەتخانىغا بارىدىغان پەلەمپەي تىك ھەم خەتەرلىك بولۇپ، خۇددى «ئەرش» كە تۇتىشىدىغان ئۇزۇن شوتىغىلا ئوخشايدۇ، قۇرۇلۇشنىڭ ھەيۋەتلىكلىكى ۋە ئىنچىكىلىكىنى كۆرگەن كىشى ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇماي قالمايدۇ.
ئەمما مىلادىيە10 - ئەسىرگە كەلگەندە، ئامېرىكا قىتئەسىدە بىر مەھەل گۈللەنگەن مايا مەدەنىيىتى ئۇشتۇمتۇت ئىز - دېرەكسىز يوقالدى.16 - ئەسىردە ئىسپانىيىلىكلەر بۇ يەرگە ئاياغ باسقاندىن كېيىنلا كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىققىنى بۇ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ خارابىلىكلىرى ۋە ئوۋچىلىق بىلەن ياشايدىغان ئىپتىدائىي ھالەتتىكى ئىندىئانلارلا بولدى.
مايالىقلار مۆجىزىدەك نەگە يوقىلىپ كەتتى؟
ئەگەر ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىندىئانلارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئۇلار راستلا مايالىقلارنىڭ ئەۋلادى بولسا، ئۇنداقتا قانداق سېھرىي كۈچ ئۇلارنى ئاۋات شەھەرلەر ۋە يۈكسەك تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەتتىن ۋاز كېچىپ، ئورمانلىقلارغا كىرىپ ئوۋچىلىق تۇرمۇشى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلدى؟ تەبىئىي ئاپەت، ۋابا، ئۇرۇش سەۋەبىدىنمۇ؟ بۇنداق مۇمكىنچىلىك ئاساسەن يوق دېيەرلىك.
بەزىلەر يۈرەكلىك ھالدا، مايالار بەلكىم يەر شارىغا كەلگەن يۈكسەك مەدەنىي تاشقى پلانېتا ئادىمى بولۇشى مۇمكىن، دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يەنە بەزىلەر مايا بەدىئىي رەسىملىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مايالار باشقا چوڭ قۇرۇقلۇقتىن بۇ يەرگە كېلىپ، كېيىن يەنە يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. بەزىلەر ھەتتا مايالار بىلەن جۇڭگولۇقلار يىراق قەدىمكى زامانلاردا بىر جەمەت بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ …
مەيلى نېمىلا دەيلى، پارلاق مايا مەدەنىيىتىنىڭ سىرلىق يوقىلىشى، ئىنسانىيەت تارىخىغا چوڭ بىر سوئالنى قالدۇرۇپ كەتتى.