بۇ جاي ترويا شەھىرىمۇ
چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
ھومېرنىڭ داڭلىق داستانى «ئىلىئا» دا «ترويا ياغاچ ئېتى» غا ئائىت ھېكايە بار.
ھېكايىدە بايان قىلىنىشىچە، يۇنانلىقلار بىلەن ترويالىقلارنىڭ10 يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇشىدا ئەقىللىق يۇنانلىقلار ياغاچ ئات ئىچىگە ئادەم يوشۇرۇش ھىيلىسى ئارقىلىق ترويا شەھىرىنى ئېلىپ جەڭنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. يۇنانلىقلار بىر مەھەل تالان - تاراج قىلغاندىن كېيىن ئوت قويۇپ، بۇ گۈزەل مەدەنىيەت شەھىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن.
ھومېر داستانى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى800 −900 - يىللىرى يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ھەقىقىي تارىخىي ۋەقەمۇ ياكى ئاپتور ئويدۇرۇپ چىققانمۇ؟ بۇ نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئەدىب ۋە تارىخشۇناسلارنىڭ توختىماي بەس - مۇنازىرە قىلىۋاتقان مەسىلىسى بولۇپ كەلدى.19 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر قەتئىي نىيەت باغلاپ ترويا شەھىرىنى تاپماقچى بولغان، ئۇلار داستاندا تەمىنلەنگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، گرېتسىيە ۋە كىچىك ئاسىيادىكى تاغلىقلاردىن بارمىغان جايى قالمىغان، لېكىن ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىگەن، نەتىجىدە كۆپ ساندىكى كىشىلەر ترويا شەھىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنمەي، بۇ پەقەت ئاپتورنىڭ غايىۋى دۇنياسىدىكى ئوتوپىيىسىدىن ئىبارەت دەپ قارىغان.1873
- يىلى گېرمانىيىلىك ئارخېئولوگ سلىيېمان ئەر - خوتۇننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئەترىتى ئۈچ يىل جاپالىق قېزىش ئارقىلىق ئېگىي دېڭىزى قىرغىقىغا يېقىن جايدا كۆيگەنلىك ئىزى قالغان بىناكارلىق ماتېرىيالى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى، يەنە بىر جايدا ئېگىزلىكى20 مېتىرچە كېلىدىغان شەھەر سېپىلىنىڭ خارابىسى، شۇنداقلا ئىچىگە ئالتۇن رومكا، لوڭقا، بىلەزۈك قاتارلىق8 مىڭدىن ئارتۇق ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك نەرسە سېلىنغان چوڭ بىر قىزىل مىس كۈپنى بايقىغان. ئۇنىڭ ئارىسىدا يەنە خانىش كىيىدىغان بىباھا تاج بار ئىدى، بۇ تاج16 مىڭ پارچە ياپراقچە ئالتۇندىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ياسىلىشى ئىنتايىن نەپىس. سلىيېمان بۇ يەرنى كەسكىن ھالدا مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى12 - ئەسىردە كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ترويا شەھىرىنىڭ دەل جايى، ھېلىقى تاج بولسا گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ترويا خانىشى ھېلىنىنىڭ تاجى، دەپ جەزملەشتۈرگەن.
بۇ بايقاش دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ، ئىلمىي ساھەدىكىلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىغان. كىشىلەر ھەيرانلىق ئىچىدە سلىيېماننىڭ بۇ بايقىشىدىن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئېگىي دېڭىزى رايونىدىكى پارلاق قەدىمىي مەدەنىيەتنى كۆرۈۋالغان. بۇ، شۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ يۇنان مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ بېيىتقان.
ئەمما، بايقالغان بۇ خارابىلىك ھومېر داستانىدا تىلغا ئېلىنغان ترويا شەھىرى شۇمۇ - ئەمەس؟ بۇ مەسىلىنى ئارخېئولوگلار ھازىرغىچە تالاش - تارتىش قىلىپ كەلمەكتە. ئىنكار قىلغۇچى قارىشىدىكىلەر، بۇ ترويا شەھىرى زامانىسىگە يېقىن كېلىدىغان باشقا بىر شەھەر بولۇشى مۇمكىن، دېيىشىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ترويا شەھىرىنىڭ «ھەقىقىي» خارابىسىنى داۋاملىق ئىزدىمەكتە. مۇئەييەنلەشتۈرۈش قارىشىدىكىلەر سلىيېماننىڭ يەكۈنىنى داۋاملىق تولۇقلاپ ۋە تۈزىتىپ، بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈش ۋە ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ.