فىرئەۋىن تۇتېنكامون قالدۇرۇپ كەتكەن قىيىن مەسىلە
چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
مىسىر پايتەختى قاھىرەدىن جەنۇبقا700 كىلومېتىر يۈرگەندە قۇملۇققا يېقىن بىر بوستانلىق بار، قەدىمكى مىسىر فىرئەۋىن خانلىق قەبرىستانلىقى دەل مۇشۇ يەرگە سېلىنغان.ئۇنىڭ ئىچىدە بىر سىرلىق قەبرە بولۇپ، مانا بۇ دەل فىرئەۋىن تۇتېنكاموننىڭ قەبرىسىدۇر.
فىرئەۋىن تۇتېنكاموننىڭ تەختكە ئولتۇرغان ۋاقتى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1200 - يىللىرى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ خان جەمەتىدىن ئەمەس ئىكەن، تەقى - تۇرقى كېلىشكەن بولغانلىقى ئۈچۈنلا، شۇ زاماندىكى فىرئەۋىن ئۇنى كۈيئوغۇللۇققا تاللىغان، كېيىن ئۇ خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان.18 ياشقا كىرىپ ئەمدىلا ھوقۇقنى قولغا ئېلىشىغا، ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ قالغان. ياش خانىش ئۇنىڭغا قاتتىق قايغۇرغان ھەمدە ئېرىنى زور ھەشەم بىلەن دەپنە قىلغان، ئۇزۇن ئۆتمەي خانىشمۇ ئۆلۈپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى نائىبلىق قىلغان بىر قېرى ۋەزىر خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان.
يېقىنقى نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان، كېپەن ئوغرىلىرى بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ فىرئەۋىن تۇتېنكاموننىڭ قەبرىسىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ زادىلا تاپالمىغان. پەقەت1922 - يىلىغا كەلگەندىلا ئەنگلىيىلىك ئارخېئولوگ پروفېسسور كارت ئالتە يىللىق بوشاشماي قېزىش ئارقىلىق بۇ خانلىق قەبرىنىڭ ئىشىكىنى تېپىپ، بىردىنبىر ئوغرىلانمىغان بۇ فىرئەۋىن قەبرىسىگە كىرگەن. خۇددى رىۋايەتلەردە ئېتىلغاندەك، قەبرىنىڭ ھەممىلا جايىدا كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدىغان ئالتۇن، زىبۇزىننەتلەر تولۇپ ياتقان، قەبرە بوسۇغىسىنىڭ ئىچىدە خۇددى يېڭىلا ئۈزۈلۈپ چېچىپ قويۇلغاندەك گۈللەر بار ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا ھۈنەر - سەنئەت، نەقىش بۇيۇملىرى لىق تولغانىدى. تارىخشۇناسلار دۇنيادا تەڭداشسىز بىردىنبىر بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن قاتتىق ھەيران قېلىشقان.
ئەڭ ھەيران قالارلىقى فىرئەۋىن تۇتېنكاموننىڭ مۇمىياسى. كىشىلەر قەۋەت - قەۋەت ياغاچ بىلەن قېلىنلاتقان ئالتۇن جەسەت ساندۇقىنى ئېچىپ فىرئەۋىننىڭ يۈزىگە ئورالغان قات - قات كاناپ رەختنى يېشىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي چىرايىنى كۆرۈپ ھاڭ - تاڭ قېلىشقان، چۈنكى فىرئەۋىن تۇتېنكاموننىڭ سول قۇلىقىنىڭ ئاستىنقى تەرىپىدە ئەجەللىك زەخىم ئىزى بار ئىدى، بۇ فىرئەۋىننىڭ قەتل قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.
تۇتېنكاموننى زادى كىم ئۆلتۈرگەن؟3000 يىل ئىلگىرىكى بۇ سىرلىق دېلو تارىخشۇناسلارنى گاڭگىرىتىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ مەڭگۈ يەشكىلى بولمايدىغان سىرلىق دېلوغا ئايلىنىپ قالدى.
تېخىمۇ ھەيران قالارلىق يەنە بىر ئىش بار.
پروفېسسور كارت تۇتېنكاموننىڭ قەبرە ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە، ئىشىك ئالدىدا «ھەرقانداق بىر كېپەن ئوغرىسى فىرئەۋىننىڭ قارغىشىغا ئۇچرىغۇسى» دېگەن خەتلەرنى كۆرگەن. كىشىلەر بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغان. بىراق بالا - قازا راستتىنلا قەبرە ئىچىگە كىرگەن بۇ كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن. كارتنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى ۋە ياردەمچىسى غەلىتە كېسەل بىلەن ئارقا - ئارقىدىن ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇلار جان ئۈزۈش ئالدىدا «تۇتېنكامون …» دەپ توۋلىغان؛ بىر مۇخبىر رېنتگېندا تۇتېنكاموننىڭ مۇمىياسىنى تەكشۈرۈۋېتىپ، تۇيۇقسىز تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن؛ مايس ئىسىملىك يەنە بىر پروفېسسور جەسەت ساندۇقى قويۇلغان ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن توساتتىن ھوشسىزلىنىپ يىقىلىپ ئۆلگەن. مايس بىلەن بىللە كەلگەن پروفېسسور خوۋايىتمۇ قەبرىدىن چىققاندىن كېيىن بەدىنى چىدىغۇسىز ئاغرىپ كەتكەن، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئاغرىققا چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان، ئۆلۈش ئالدىدا «مەن فىرئەۋىننىڭ قارغىشىغا ئۇچرىدىم، شۇڭا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشماقچىمەن...» دېگەن سۆزلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. قەبرە ئېچىلغاندىن كېيىنكى ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە قەبرە ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك22 ئادەمنىڭ ھەممىسى چۈشىنىكسىز ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ غەلىتە ئىشلارغا قارىتا كىشىلەر پەرەز قىلىپ، قەدىمكىلەر كېپەن ئوغرىلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قەبرە ئىچىگە ئادەمنى ئۆلتۈرەلەيدىغان ئالاھىدە زەھەرنى چېچىۋەتكەن، دېيىشمەكتە. ئەمما ئالىملار تا ھازىرغىچە بۇنداق «زەھەر» نى ئايرىۋالالىغىنى يوق.