UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلارچاقماق ئىمپېراتور ئىۋاننىڭ كىتاب ئامبىرى

چاقماق ئىمپېراتور ئىۋاننىڭ كىتاب ئامبىرى

چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار روسىيە تارىخىدا «چاقماق ئىمپېراتور» ئىۋان دەپ ئاتىلىدىغان داڭقى چىققان، تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بىر پادىشاھ ئۆتكەن. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىللەردە يېڭى قانۇنلارنى ئاكتىپ يولغا قويۇپ، يەرلىك مەمۇرىي تۈزۈم ۋە ھەربىي تەشكىلاتلارنى قەتئىيلىك بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش سىياسىتىنى كۈچلۈك يولغا قويغان؛ ئۇ يەنە قەدىمىي كىتابلارغا ناھايىتى ھېرىسمەن ئىدى. ئۇنىڭ ساقلىغان قىممەتلىك قەدىمكى قوليازما كىتابلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بىر كىچىك كۇتۇپخانا قۇرۇشقا تامامەن يېتەتتى. بۇ كىتابلارنى كىشىلەر ئەڭ بالدۇر موناخ ماكسىم كورىك توغرىسىدىكى رىۋايەتلەردىن بىلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، «چاقماق ئىمپېراتور» ئىۋان بوۋىسى موسكۋا كىنەزى ئىۋان Ⅲ ۋە خانىش سوفىيە بانىئولوكىسنىڭ بۇ قىممەتلىك كىتابلىرىغا ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، ماكسىم كورىكنى كىتابلارنىڭ ئىسىملىكىنى مۇندەرىجە قىلىپ تۈزۈپ چىقىشقا بۇيرۇغان، ماكسىم كورىك بۇ ئىشنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇندىغان ھەمدە يۇنانچە ئەسلىي نۇسخىسىغا سېلىشتۇرۇپ، تەرجىمىدىكى بەزى خاتالىقلارنى تۈزىتىپ قويغان. ئەپسۇسلىنارلىقى، رىۋايەتتە بۇ كىتابلارنىڭ قەيەردە ساقلانغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.16 - ئەسىردە تۈزۈلگەن «رىبولىيا يىلنامىسى» دا «چاقماق ئىمپېراتور» ئىۋان ساقلىغان كىتابلار ھەققىدە يېزىلغان، ئۇنىڭدا بۇ كىتابلارنىڭ كرېمل سارىيىنىڭ يەر ئاستىدىكى ئىككى ئۆيىدە ساقلانغانلىقى يېزىلغان بولسىمۇ، ئېنىق ئورنى كۆرسىتىلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن «چاقماق ئىمپېراتور» ئىۋاننىڭ كىتاب ئامبىرى خۇددى رىۋايەتلەردىكى مەخپىي خەزىنىدەك نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىزدەش ئىستىكىنى قوزغىغان.19 - ئەسىردە بىر گېرمانىيىلىك بۇ كىتابلارنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىش مەقسىتىدە موسكۋاغا كېلىپ ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللارنى ئاختۇرۇپ، كرېمل سارىيىنىڭ يەر شەكلىنى تەپسىلىي تەكشۈرگەن، ئۇ نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرگەن، ۋاقىت سەرپ قىلغان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل قىلالمىغان.19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، كرېمل سارىيىدىكى ئاسارئەتىقىلەرنى باھالىغۇچى داڭلىق ئەرباب زابېنىن باشقىلاردىن تەڭگە زاۋۇتىدىكى ھۆججەت ساقلايدىغان ئۆيدە غەلىتە بىر كىتابنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭدا1724 - يىلى قىشتا ئىمپېراتور پېتېر پايتەختنى يۆتكەپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بىرسى ئەينى ۋاقىتتىكى مالىيە ئىدارىسىگە بىر دوكلات سۇنۇپ، كرېمل سارىيىنىڭ مەخپىي يەر ئاستى ئۆيىنىڭ بارلىقى، ئىككى ئۆيدە چوڭ ساندۇقلارنىڭ لىق تولغانلىقى، تۆمۈر ئىشىكى قۇلۇپلىنىپ قاتتىق ساقلىنىدىغانلىقى، يەنە ئىشىكنىڭ پېچەتلىۋېتىلگەنلىكى، بۇ بەلكىم «چاقماق ئىمپېراتور» ئىۋاننىڭ كىتاب ئامبىرى بولۇش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە توختىلىپ، ھۆكۈمەتكە كرېمل سارىيىنىڭ يەر ئاستى ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇپ بېقىش تەكلىپىنى بەرگەن. بىر قاتار ئەگرى - توقايلىقلاردىن كېيىن كرېمل سارىيىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىنى ئاختۇرۇش خىزمىتى باشلانغان. نەتىجىدە، بۇ «مەخپىي جاي» يەنىلا تېپىلمىغان.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
چاقماق ئىمپېراتور ئىۋاننىڭ كىتاب ئامبىرى | UyghurWiki | UyghurWiki