UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلارخارابە مەدەنىىيىتى قانداق ۋەيران قىلىنغان

خارابە مەدەنىىيىتى قانداق ۋەيران قىلىنغان

چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار ھىندىستان دۇنيا مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ20 - يىللىرى ئارخېئولوگلار ھىندى دەرياسى ۋادىسىدا ئويلىمىغان يەردىن بىر قەدىمىي شەھەر خارابىلىكىنى بايقىغان. قەدىمىي شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشلىرى مۇرەككەپ ۋە غەلىتە، قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمۇ مول ھەم رەڭگارەڭ بولۇپ، قەدىمكى ھىندىستاننىڭ يۈكسەك تەرەققىي قىلغان مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. چۈنكى، بۇ قەدىمكى ھىندىستان مەدەنىيىتىنى ئەينى ۋاقىتتىكى بىر ئاساسلىق شەھەر خارابە بىلەن باغلىغاچقا، بۇنى خارابە مەدەنىىيىتى دەپ ئاتىغان. خارابىلىك ۋە ئۇنىڭدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، شۇنداقلا ئالاقىدار تارىخىي خاتىرىلەردىن خارابە شەھىرى ھۆكۈمرانلار تۇرىدىغان قەلئە ۋە ئاھالىلەر تۇرىدىغان شەھەردىن تەركىب تاپقانلىقى مەلۇم بولغان. مۇستەھكەم خىش سېپىل پۈتۈن شەھەرنى ئوراپ تۇرىدۇ، رەت - رەت چاسا قەلئەلەر ناھايىتى ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ. شەھەر كوچىلىرى رەتلىك، ئاساسىي كوچا كەڭ ھەم تۈز، ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسى تاش - خىشلاردىن قوپۇرۇلغان، بەزى ئېگىز ئىمارەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش سەۋىيىسى ناھايىتىمۇ تەرەققىي قىلغان. بۇ يەردە يەنە زور بىر تۈركۈم قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قالدۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئويما خەت، رەسىم تامغىسى، ئېغىرلىق ئۆلچەشكە ئىشلىتىدىغان گىر تېشى، ئۇزۇنلۇقنى ئۆلچەيدىغان قاسىراقلىق گەز ۋە مىس تاياقچە گەزلەر بار. ئالتۇن، ئۈنچە - مەراۋيىت ۋە پىل چىشى زىننەت بۇيۇملىرى كۆزنىڭ يېغىنى يەيدۇ. بۇنىڭدىن4000 يىل ئاۋۋالقى خارابە مەدەنىيىتىنىڭ بۇنداق پارلاق مەدەنىيلىك دەرىجىسىگە يەتكەنلىكى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ. ئىلگىرى بىر مەھەل گۈللەنگەن خارابە مەدەنىيىتىنىڭ سىرلىق غايىب بولۇشى كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. بەزىلەر قېپقالغان تامغىدىكى خەتلەر ۋە باشقا ئويما يېزىقلاردىن يىپ ئۇچىغا ئىگە بولماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق تا ھازىرغىچە بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلمىگەن، بۇ قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ ۋەيران بولغانلىق سىرىنى يېشىشكە زور قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر خارابىلىك ۋە ئۇنىڭدىن چىققان نەرسىلەرگە ئاساسەن تۈرلۈك پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، بەزى ئالىملار، خارابە مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىشى يات مىللەتلەرنىڭ بىر قېتىملىق زور تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ نەتىجىسىدىن بولغان، بۇنىڭغا ئۇ يەردىن قېزىۋېلىنغان ئۆلتۈرۈلگەن ئەر - ئايال، قېرى - ياشلارنىڭ ئۇستىخانلىرى ۋە «ۋېدە» نومىدىكى خاتىرىلەر ئىسپات بولالايدۇ، دەيدۇ. يەنە بەزى ئالىملار ئەينى ۋاقىتتىكى ھىندى دەريا قىنىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەنلىكى، يەر تەۋرەش ۋە مۇشۇ سەۋەبلەردىن يۈز بەرگەن زور كەلكۈن ئاپەتلىرىنى خارابە مەدەنىيىتى يوقىلىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلغان. پەرەز ھامان پەرەز، خارابە مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىش سىرى تا بۈگۈنگىچە تارىخشۇناسلار ۋە ئارخېئولوگلارنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىدىغان، تەتقىق قىلىدىغان تېمىسى قالغان.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل مەدەنىيىتىدىكى سىرلار
خارابە مەدەنىىيىتى قانداق ۋەيران قىلىنغان | UyghurWiki | UyghurWiki