نېفىرتىتنىڭ يېرىم گەۋدىلىك ھەيكىلى
چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
1912 - يىلى گېرمانىيە ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى مىسىرغا بېرىپ ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، بىر ھەيكەلتىراشنىڭ خىزمەت ئۆيىنىڭ خارابىسىنى بايقىغان. بۇ يەردە ئۇلار3000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، رېئال تەسۋىرچانلىق ماھارىتى تولىمۇ يۇقىرى بولغان، رەڭگى روشەن بىر ھەيكەلنى بايقىغان، مانا بۇ دۇنياغا داڭلىق نېفىرتىتنىڭ يېرىم گەۋدىلىك ھەيكىلىدۇر.
ئۇنىڭدا گۈزەل شەرق ئاياللىرىنىڭ تىپىك ئوبرازى يارىتىلغان: ئېڭىكى ئۇچلۇق، يۈزى سوزۇنچاق، بەش ئەزاسى ناھايىتىمۇ يېقىملىق، نازۇك؛ يۈز قىسمىنىڭ ھەربىر ئىنچىكە ھالقىلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە ئۆلچەملىك. ئۇنىڭ مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەندەك كۆرۈنىدىغان ئۇزۇن بوينىنىڭ قىيسىيىش دەرىجىسى ۋە نازۇك ئەگرى سىزىقلار ئىنتايىن سىلىق ۋە نەپىس ئىشلەنگەن بولۇپ، شەرق مىللەتلىرىنىڭ ئاياللار گۈزەللىكىگە بولغان تونۇشى ۋە خاھىشى ئىپادىلەپ بېرىلگەن. كىشىنىڭ دىققىتىنى بەكرەك قوزغايدىغىنى ئۇنىڭ رەڭگى. ھەيكەلنىڭ كۆز چانىقىغا مىس، كۆزىگە ئاق گەج ئىشلىتىلىپ، قارىچۇقى ئۈچۈن قارا سەندەل ياغىچىغا خرۇستال ئورنىتىلغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆزى ناھايىتى نۇرلۇق كۆرۈنۈپ، كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرىدۇ