UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىئېففېل مۇنارى

ئېففېل مۇنارى

چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىگە بېرىپ باقمىغان كىشىلەرمۇ سېنا دەرياسى بويىغا جايلاشقان ئاشۇ ئېففېل مۇنارىنى رەسىم، كالېندارلاردىن كۆرگەن. ئېففېل مۇنارى پارىژنىڭ بەلگىسى.1884 - يىلى فرانسىيە ھۆكۈمىتى1789 - يىلىدىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن دۆلەت يەرمەنكىسى ئويۇشتۇرۇپ، بىر مەڭگۈلۈك خاتىرە مۇنار ياسىماقچى بولغان.700 نەچچە لايىھە ئىچىدىن ئارخىتېكتور جۇستاف ئېففېل لايىھىلىگەن مۇنار تاللانغان، بۇ قۇرۇلۇشقا8 مىليون فرانك مەبلەغ سېلىنىپ، ئىككى يىلدىن ئارتۇق جاپالىق قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق1889 - يىلى رەسمىي پۈتكۈزۈلگەن. مۇنار ناھايىتى ھەيۋەتلىك ياسالغان، ئۇنىڭغا شەرق - غەرب سەنئىتىنىڭ ئۇسلۇبلىرى سىڭدۈرۈلگەن، ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردىكى ئالاھىدىلىكلەر نامايان قىلىنغان. ئۇنىڭ ئاستى تەرىپىگە تۆت دانە بېتون مۇنار گۈندىسى قويۇلغان، ئىگىلىگەن كۆلىمى10 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ، مۇنارنىڭ ئاستى كەڭ، ئۈستى تار بولۇپ، تەتۈر يېزىلغان «V» ھەرپىگە ئوخشايدۇ، چوققىسى كۆككە تاقىشىدۇ، چوققىسىنىڭ كۆلىمى100 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. مۇنار پۈتۈنلەي پولات قۇرۇلمىدىن ياسالغان،10 نەچچە مىڭ قىسىمدىن تەركىب تاپقان، مىليونغا يېقىن پەرچىن مىخ بىلەن ناھايىتى ھىم تۇتاشتۇرۇلغان، ئومۇمىي ئېغىرلىقى7000 توننىدىن ئاشىدۇ، مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى320 مېتىر كېلىدۇ، ئاستىدىن ئۈستىگىچە جەمئىي1700 پەلەمپەي بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز مۇنار ھېسابلىنىدۇ. مۇنار جەمئىي تۆت قەۋەت، ھەربىر قەۋىتىدە بىردىن مەيدان بار. ساياھەتچىلەر مۇنار ئۈستىگە پەلەمپەي بىلەن چىقسىمۇ ياكى لىفتقا ئولتۇرۇپ چىقسىمۇ بولىدۇ. مۇنار ئۈستىدە تۇرۇپ پارىژنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ. لايىھىلىگۈچى ئېففېلنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مۇنارغا ئېففېل مۇنارى دەپ نام بېرىلگەن. ھازىر ئۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپلا قالماي، يەنە فرانسىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سىگنال تارقىتىش مۇنارى بولۇپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى