UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىئوبېي ھەيكىلى

نىئوبېي ھەيكىلى

چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نىئوبېي ھەيكىلىدە تېبېس خانىشى نىئوبېي ئاساسىي تېما قىلىنغان، ئۇنى قەدىمكى نادىر رېئالىستىك سەنئەت ئەسىرى دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر قېتىم نىئوبېي كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا يۇنان باش ئىلاھى زېۋىسنىڭ ئايالى ھېرا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى قۇياش ئىلاھى ئاپوللو ۋە قىزى ئاي ئىلاھە ئارتېمىسنى ھاقارەتلىگەن. زېۋىس بۇنىڭدىن دەرغەزەپكە كەلگەن ھەمدە ئادەم ئەۋەتىپ نىئوبېينىڭ14 قىزىنى ئوقيادا ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، بۇ تەكەببۇر ئايالنى جازالاشقا بۇيرۇغان. ھەيكەل نىئوبېي ۋە ئۇنىڭ ئەڭ كىچىك قىزىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا نىئوبېينىڭ ئوبرازى ئارقىلىق پاجىئەنىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. نىئوبېي13 قىزىنىڭ ئوقيادا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ ئەڭ كىچىك قىزىنىڭلا قالغانلىقىنى، ئۇنىڭمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ھالاك بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ، كۆككە قاراپ »بۇ بىر قىزىمغا رەھىم قىلىڭ، بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىزىم« دەپ نالە قىلغاندەك كۆرۈنەتتى. ئانا بېلىنى ئېگىپ كىيىمى بىلەن سەبىي قىزىنى توسۇپ، ئۇنى قوغداپ قالماقچى بولىدۇ. ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئازابتىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈمىدسىز نالىسىنى كۆرۈۋالالايدۇ. ئانىسىغا مەھكەم چاپلىشىپ تۇرۇۋالغان سەبىي قىز گەرچە ئارقىسىنى قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تۇرقىدىن كۆڭلىدىكى ۋەھىمىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. نىئوبېي قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قىزىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى ئوقيانى توسۇپ قالماقچى بولىدۇ. ھەيكەللەرنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر، ئۇسلۇبى يېڭىچە، ئاپتور تاشقى ھەرىكەت ئىپادىسى ئارقىلىق پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرگەن. ئەپسۇسلىنارلىقى، ھەيكەلنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى يوقاپ كەتكەن، ھازىرقىسى بولسا مەرمەردىن ياسالغان تەقلىدىي نۇسخىسى.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
نىئوبېي ھەيكىلى | UyghurWiki | UyghurWiki