ترايان تۆھپە خاتىرە تۈۋرۈكى
چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
1000 يىللار ئىلگىرى رىمدا پادىشاھ تراياننىڭ نامى بىلەن سېلىنغان بىر مەيدان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كوچىلار رەتلىك، بىر - بىرىگە زىچ سېلىنغان قۇرۇلۇشلار بىلەن تولغان. بىراق، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇلارنىڭ ھەممىسى خارابىلىككە ئايلانغان، پەقەت ترايان خاتىرە تۈۋرۈكىلا شۇ پېتى ساقلىنىپ قالغان، ھازىرغىچە ئۇ رىمنىڭ شەھەر مەركىزىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.
ترايان خاتىرە تۈۋرۈكى تراياننىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ياسالغان، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى38 مېتىر بولۇپ، يۇمىلاق چوڭ مەرمەر تاشتىن قوپۇرۇلغان، ئاستى تەرىپىگە چاسا شەكىللىك ئۇل سۇپا قويۇلغان. مۇنار يۈزىگە22 چەمبەردىن تەشكىل تاپقان ئايلانما كۆپتۈرمە نەقىش ئويۇلغان. كۆپتۈرمە نەقىشنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى20 مېتىر ئەتراپىدا، ئۇنىڭغا2500 چە كىشىنىڭ ئوبرازى ئويۇلغان. كۆپتۈرمە نەقىشتە تراياننىڭ داسىيىلىكلەرگە جازا يۈرۈشى قىلغاندىكى ئەھۋال بايان قىلىنغان. تۈۋرۈك ئۈستىگە تراياننىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان، تۈۋرۈكنىڭ ئىچى كاۋاك بولۇپ، ئايلانما شەكىللىك پەلەمپەي ئورنىتىلغان، تۈۋرۈكنىڭ ئاستىغا ترايان ئەر - خوتۇنلارنىڭ جەسەت كۈلى ئىدىشى كۆمۈلگەن.16 - ئەسىرگە كەلگەندە، تراياننىڭ ھەيكىلى ئېلىۋېتىلىپ، پېتېرنىڭ ھەيكىلى قويۇلغان.
ترايان خاتىرە تۈۋرۈكىدىكى كۆپتۈرمە نەقىش كىشىلەرگە رىمنىڭ ئۆزگىچە نەققاشلىق سەنئىتىنى نامايان قىلغان. يەنى ئۇنى تارىخىي بايان تۈسىنى ئالغان نەقىشلەر ئىچىدىكى ئەڭ تىپىكى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدا رىملىقلارنىڭ داسىيىلىكلەر مەغلۇپ قىلغانلىق ئۇرۇش ئەھۋالى نامايان قىلىنغان. ھەيكەلتىراشلار ھەقىقىي مۇھىت ئارقىلىق ۋەقەلىكنى بايان قىلىش ئۇسۇلى بىلەن دوناي دەرياسىنىڭ سۈيى، رىم قوشۇنى ۋە داسىيىلىكلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى، رىملىقلارنىڭ غەلىبە قىلغانلىق كۆرۈنۈشىنى ئەينەن ئويۇپ چىققان.
ترايان خاتىرە تۈۋرۈكى غەرب سەنئەت تارىخىدىكى نادىر ئەسەر، ئۇ سەنئەتكارلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى سەنئەتنى تەتقىق قىلىشىنى مۇھىم ماددىي ئىسپات بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تارىخشۇناس ۋە مىللەتشۇناسلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇرۇش ئەمەلىيىتى، كىيىم - كېچەك، مىللەتلەرنىڭ تىپلىرىنى تەتقىق قىلىشىنى قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ.