ۋارشاۋا سۇ پەرىسى
چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
پولشا پايتەختى ۋارشاۋادىكى ۋىسلا دەرياسى ساھىلىغا بىر سۇ پەرىسىنىڭ ھەيكىلى قويۇلغان، ئۇ سول قولىدا قالقان، ئوڭ قولىدا قىلىچنى ئېگىز كۆتۈرگەن، كۆزلىرىدىن قەيسەرلىكى، غەلىبىگە بولغان ئىشەنچسى ئىپادىلىنىپ تۇرغان ھالدا بۇ شەھەرنى كېچە - كۈندۈز قوغداپ تۇرىدۇ.
ۋارشاۋا سۇ پەرىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مۇنداق بىر ھېكايە بار: بۇرۇنقى زاماندا ۋارشاۋادا بىر گۈزەل، ئىشچان قىز بولغانىكەن، ئۇ18 ياشقا كىرگەن يىلى چەت ئەل قوشۇنى پولشاغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، شەھەرگە ئوت قويۇپ، كەنتلەرنى تالان - تاراج قىلىپ، بىگۇناھ خەلقنى قىرغىن قىپتۇ ھەمدە بۇ قىزنىمۇ تۇتۇپ كېتىپتۇ، قىزنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى تاجاۋۇزچى قوشۇن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپتۇ، قىز ئامال قىلىپ ئالۋاستىلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، تۇغقانلىرى ئۈچۈن قىساس ئالماقچى بوپتۇ، ئۇ كېچىدە دۈشمەن ئۇۋىسىدىن ئەمدى قېچىپ چىقىشىغا، دۈشمەنلەر بايقاپ قېلىپ ئۇنى قوغلاپتۇ، ئۇ قېچىپ ۋىسلا دەرياسى بويىغا كەلگەندە شىددەتلىك دېڭىز سۈيى ئۇنىڭ يولىنى توسۇۋاپتۇ، قىز تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئالدىدا قىلچىمۇ قورقۇپ قالماي، ئۈنلۈك ئاۋازدا ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلەپتۇ - دە، ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەرياغا سەكرەپ، ئالتۇن رەڭلىك بېلىققا ئايلىنىپ دەرياغا شۇڭغۇپ كىرىپ كېتىپتۇ....
خېلى يىللار ئۆتكەندىن كېيىن تاجاۋۇزچىلار يەنە بىر قېتىم پولشاغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپتۇ، قىز قولىغا قورال ئېلىپ، نۇرغۇنلىغان بېلىقلارنى باشلاپ ئادەمگە ئايلىنىپ، قىرغاققا چىقىپ دۈشمەنلەر بىلەن ئېلىشىپتۇ. ئۇلار قوللىرىغا قىلىچ - قالقانلارنى ئېلىپ تاجاۋۇزچىلار بىلەن ھايات - ماماتلىق جەڭ قىپتۇ، ئاخىردا تاجاۋۇزچىلار مەغلۇپ بوپتۇ، قىزمۇ باتۇرلاچە قۇربان بوپتۇ.
پولشالىقلار بۇ باتۇر، ۋەتەنپەرۋەر قىزنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، پايتەختكە ئۇنىڭ مىس ھەيكىلىنى ياساپ تۇرغۇزۇپ، پولشالىقلارنىڭ تىنچلىقنى سۆيىدىغان، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرىدىغان ئېگىلمەس - سۇنماس روھىنى ئىپادىلىگەن.