UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىلائوكون ھەيكىلى

لائوكون ھەيكىلى

چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 1506 - يىل1 - ئايدا، بىر قىسىم ئىتالىيىلىكلەر تىتۇدىت مۇنچىسى خارابىلىكىنى قېزىش جەريانىدا، ئوبراز ئىپادىسى ناھايىتى ئەينەن، ئەمما يەر ئاستىدا بېسىلىپ پارچىلىنىپ كەتكەن بىر توپ ھەيكەلنى بايقىغان، مانا بۇ كىشىلەر قەدىمكى سەنئەتنىڭ پارلاق مۇۋەپپەقىيىتى دەپ مەدھىيىلىگەن يۇناننىڭ داڭلىق ئەسىرى − لائوكون ھەيكىلىدۇر. لائوكون ھەيكىلى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئەسەر بولۇپ، ئاگېساندېر پولىدورۇ ۋە ئاتىنوددرۇ قاتارلىق ئۇستىلارنىڭ قولىدىن چىققان، بۇ ھەيكەللەردە ترويا ئۇرۇشى ئاساسىي تېما قىلىپ رىۋايەت قىلىنغان. ترويا جادۇگىرى لائوكون ئۆز قېرىنداشلىرىغا يۇنانلىقلار قالدۇرۇپ كەتكەن ياغاچ ئاتنى ترويا شەھىرىگە ئېلىپ كىرىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. يۇنانلىقلار قوغدىغۇچى قۇياش ئىلاھى ئاپوللو ئىككى چوڭ يىلاننى ئەۋەتىپ، جادۇگەر ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى يىلانغا چىرمىتىپ ئۆلتۈرگۈزۈۋېتىدۇ. بۇ ھەيكەلدە دەل چوڭ يىلاننىڭ لائوكون ئاتا - بالا ئۈچىنى چىرمىۋالغان، بىر يىلان كىچىك ئوغلىنىڭ كۆكرىكىگە، يەنە بىر يىلان بولسا لائوكوننىڭ يوتىسىنى چىشلىۋالغان ۋەھىمىلىك ۋە ئېچىنىشلىق ھالەت تەسۋىرلەنگەن. لائوكوننىڭ بېشى ئازابتىن ئارقىغا ئازراق قايرىلغان، چىرايى ئاغرىق ئازابىدىن ئېچىنىشلىق ھالغا كېلىپ قالغان. بۇ ھەيكەللەردىن لائوكون ئاتا - بالا ئۈچىنىڭ ۋەھىمىلىك ئۆلۈمىنى بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ھەيكەللەر ئۇستا ماھارەت بىلەن ئويۇلغان، ئازابتىن كۆبجۈپ چىققان مۇسكۇللار ئىنتايىن ئەينەن تەسۋىرلىنىپ، ھەيكەلتىراشنىڭ ئاناتومىيە جەھەتتىكى بىلىمىنىڭ موللۇقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئېھرام شەكلىدىكى بەدىئىي تۈزۈلۈش ۋە پېرسوناژنىڭ يىلاننىڭ چىرمىشى بىلەن تولغىنىپ تۇرغان ھالىتى كىشىلەرگە ئۆزگىرىشچان بىر ھالەتنى ھېس قىلدۇرغاچقا، ئۇ دۇنيا قەدىمكى كوللېكتىپ ئوبراز ئەسەرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ نادىر ئەسەر دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
لائوكون ھەيكىلى | UyghurWiki | UyghurWiki