ماكۇس ئۇلپىئونىڭ ئاتقا مىنگەن ھەيكىلى
چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
قەدىمكى رىمنىڭ ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى ئەزەلدىنلا دۇنياغا داڭلىق.4 - ئەسىردە، رىم شەھىرىدە مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان مەرمەر تاش ۋە مىس ھەيكەللەر بولغان،15 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بۇ يەردە پەقەت بەش مەرمەر تاش ھەيكەل ۋە بىر ئاتقا مىنگەن ئادەمنىڭ مىس ھەيكىلى قالغان. بۇ ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر مىس ھەيكەل دەل ماكۇس ئۇلپىئونىڭ ئاتقا مىنىپ تۇرغان ھەيكىلىدۇر. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ئوتتۇرا ئەسىردە ئىمپېراتور كونستانتىننىڭ ھەيكىلى دەپ قارالغاچقا، مۆجىزىلەرچە ساقلىنىپ قالغان. كونستانتىن ھەممىدىن ئاۋۋال خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغان رىم پادىشاھى بولغاچقا، كېيىنكى ئەسىرلەردە خرىستىئانلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن.
رىۋايەت قىلىنىشىچە، ماكۇس ئۇلپىئونىڭ ئاتقا مىنگەن ھەيكىلى ئەسلىي رىمنىڭ شەھەر مەمۇرىيەت مەيدانىدا ئەمەس ئىكەن،1538 - يىلى ئاتاقلىق سەنئەتكار مېكىلانگېلو رىمنىڭ شەھەر مەمۇرىيەت بىناسىنى لايىھىلىگەندە، مەيداننى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى مەيداننىڭ سەنئەت مەركىزى قىلىش سۈپىتىدە بۇ يەرگە يۆتكەپ كەلگەنىكەن.
بۇ ھەيكەلنىڭ ئېگىزلىكى24 .4 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى87 .3 مېتىر، مىلادىيە161 - يىلىدىن180 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ياسالغان. ھەيكەلدە دەل رىم پادىشاھى ماكۇس ئۇلپىئونىڭ ياۋايى مىللەتلەرنى مەغلۇپ قىلىپ غەلىبە بىلەن ئوردىغا يانغان ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن. ئاتقا مىنىۋالغان ئۇلپىئونىڭ كۆزلىرىدە چوڭقۇر مەنە، باتۇرانە جاسارەت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ مىنىۋالغان جەڭ ئېتى كۈچلۈك ۋە زەبەردەس، چاپچىپ تۇرغان، ئادەمگە بىر خىل سۈرلۈك تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ ھەيكەل ئەينى ۋاقىتتا قىممەتلىك بۇيۇم بولۇپلا قالماي، كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات جەريانىغىمۇ ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن ئاتقا مىنگەن ئادەمنىڭ ھەيكىلىنىڭ ھەممىسى شۇنى ئۆرنەك قىلىپ ياسالغان.