UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىلېدا ۋە ئاق قۇ

لېدا ۋە ئاق قۇ

چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 1962 - يىلى سىپرۇسنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى چېگرا شەھەر پافوستىكى بىر قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن سىپرۇسنىڭ دۆلەت گۆھىرى دەپ تەرىپلەنگەن قىممەتلىك نەقىش سېلىنغان تام سۈرىتى «لېدا ۋە ئاق قۇ» بايقالغان. نەقىش سېلىنغان بۇ رەڭدار سۈرەت بۇنىڭدىن تەخمىنەن2000 يىل ئىلگىرىكى ئەسەر بولۇپ، كۆلىمى5 .1 كۋادرات مېتىر، ئېغىرلىقى125 كىلوگرام كېلىدۇ. رەسىمدە ساھىبجامال لېدا بىلەن بىر ئاق قۇ تەسۋىرلەنگەن. ئاق قۇ ئاچكۆزلۈك بىلەن لېدانى قوغلاپ، تۇمشۇقى بىلەن لېدانىڭ كىيىمىنى تارتىپ چۈشۈرمەكچى بولىدۇ. رەسىمدىكى ۋەقەلىك قەدىمكى يۇنان رىۋايىتىنى ئاساس قىلغان: ئىلاھلارنىڭ پادىشاھى زېۋىس پانىي ئالەمدىكى ئىتولىيە پادىشاھىنىڭ قىزى لېداغا ئاشىق بولۇپ قېلىپ، كۈن بويى ئەس - ھوشىنى يوقىتىپ يۈرىدۇ. بىر كۈنى لېدا كۆلدە يۇيۇنۇۋاتقاندا زېۋىس ئاق قۇغا ئايلىنىپ ئۇنىڭ قېشىغا كېلىدۇ. بۇ قېتىمقى تاسادىپىي ئۇچرىشىشتىن كېيىن لېدا ئىككى تال تۇخۇم تۇغىدۇ، ئۇنىڭدىن گۈزەل قىز ھېلېن ۋە قوشكېزەك دىئولىكۇلىيا ئاكا - ئۇكا تۇغۇلىدۇ. بۇ رىۋايەت داۋىنچى قاتارلىق رەسسام پېشۋالىرىنىڭمۇ ئىجادىيەت تېمىسى قىلىنغان. بۇ ھېكايە ياۋروپادا «لېدانىڭ تۇخۇم تۇغۇشىدىن باشلاش» دېگەن تەمسىلنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئۇ ھەممە ئىشنى باشتىن باشلاش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ رەسىم قېزىۋېلىنغاندىن كېيىن كۇكلىيە مۇزېيىغا ئېلىپ كېلىنگەن، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئوغرىلىنپ كەتكەن. ئوغرى بىر بورانلىق قاراڭغۇ كېچىدە بۇ قىممەتلىك رەسىمنى قېيىققا سېلىپ، ئەنگلىيىلىك بىر ئاسار - ئەتىقە يىغقۇچىغا سېتىپ بەرمەكچى بولغاندا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ جىددىي تەدبىر قوللىنىپ بۇ دېلونى پاش قىلىشى بىلەن ئاخىر رەسىمنى قايتۇرۇپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن لېدا ۋە ئاق قۇ رەسىمى دۇنيادا تېخىمۇ داڭق چىقىرىپ، يىلدا كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
لېدا ۋە ئاق قۇ | UyghurWiki | UyghurWiki