UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىزېۋىسنىڭ ھەيكىلى

زېۋىسنىڭ ھەيكىلى

چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ب د ت باش شتابى بىناسىنىڭ مەركىزىي زالىغا بىر چوڭ مىس ھەيكەل قويۇلغان. ئۇ ئىككى بىلىكىنى كەرگەن، سول قولىنى ئالدىغا سوزغان، ئوڭ قولىنى بولسا بىرئاز كۆتۈرگەن، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ چىقارماقچى بولغاندەك كۆرۈنىدۇ. مانا بۇ قەدىمكى يۇناننىڭ نادىر ئويما ئەسىرى − زېۋىسنىڭ ھەيكىلى. بۇ ھەيكەل2500 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت دېڭىز ئاستىدا تۇرغان،1928 - يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن دېڭىزدىن سۈزۈۋېلىنغان.2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گرېتسىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ تەقلىدىي نۇسخىسىنى ب د ت غا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مىراسى سۈپىتىدە تەقدىم قىلىپ، دۇنيا خەلقلىرىنىڭ بەھرىلىنىشىگە سۇنغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى480 - يىلى يۇنان دېڭىز ئارمىيىسى ئارتىمىشىئېن دېڭىز تۇمشۇقى ئەتراپىدا پېرسىيە ئۇرۇش كېمىسى بىلەن جەڭ قىلغان، يۇنانلىقلار شامال كۈچىگە تايىنىپ پېرسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىگە ئېرىشكەن. يۇنانلىقلار يۇناننىڭ باش ئىلاھى زېۋىسنىڭ ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن بۇ مىس ھەيكەلنى ياساپ چىققان. كېيىن بۇ مىس ھەيكەل ئۇرۇش ئولجىسى سۈپىتىدە يۇناندىن دېڭىز ئارقىلىق رىمغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، سەپەر ئۈستىدە خەتەرگە يولۇقۇپ دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن. ھەيكەلنىڭ ئېگىزلىكى09 .2 مېتىر، مىستىن ئىنچىكىلەپ قۇيۇلغان، مەيلى روھىي ھالەت ئىپادىسى بولسۇن ياكى بەدەن قۇرۇلمىسىنى ئىپادىلەشتە بولسۇن، ئۇسلۇبقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئەسەردە ھەيكەل ئارقىلىق قەھرىمانلارنىڭ روھىي ھالىتىنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت تېمىغا مۇكەممەل جاۋاب بېرىلگەن، يۇناننىڭ كلاسسىك دەۋرىدىكى دەۋر روھى ۋە گرېك مىللىتىنىڭ باتۇرانە جاسارىتى ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئۇ ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان گرېتسىيە قەھرىمانلار ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن ھەيكەللەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
زېۋىسنىڭ ھەيكىلى | UyghurWiki | UyghurWiki