سىيىۋاتقان بالىنىڭ ھەيكىلى
چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېل شەھىرىنىڭ مەركىزىي مەيدانى يېنىدا ئادەمنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان بىر ھەيكەل قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، مانا بۇ سىيىۋاتقان بالىنىڭ مىس ھەيكىلىدۇر. بۇنىڭدا يالىڭاچ بىر بالىنىڭ ئىككى مېتىرچە ئېگىزلىكتىكى نەقىشلىك مەرمەر سۇپىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، خۇددى يېنىدا ھېچكىم يوقتەك سىيىۋاتقان ھالىتى تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭ سۈيدۈكى ئېقىن سۇدەك يىل بويى توختىماي ھەيكەلنىڭ ئاستىدىكى كۆلچەككە چۈشۈپ تۇرىدۇ.
بۇ بالىنىڭ ئىسمى ئۇلىيان بولۇپ، بېلگىيىلىكلەر ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ ھەمدە ئۇنى مۇستەقىللىق روھىغا سىمۋول بولالايدىغان «بريۇسسېلنىڭ بىرىنچى ئاھالىسى» دەپ تەرىپلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرى توغرۇلۇق كۆپلىگەن ھېكايىلەر تارقالغان، بىر ھېكايىدە ئېيتىلىشىچە،13 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، دۈشمەن ئارمىيىسى بريۇسسېل شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن ھەمدە شەھەردىكى قىممەتلىك بۇيۇملار سارىيىنى پارتلىتىۋەتمەكچى بولغان. ئەقىللىق بالا ئۇلىيان كۆيۈۋاتقان پىلىكنى سۈيدۈكى بىلەن ئۆچۈرۈپ بريۇسسېل شەھىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىپ، بىباھا گۆھەرلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى توسۇپ قالغان، ئەپسۇس، دۈشمەن ئارمىيىسى ئۇنى نەيزە سانجىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. يەنە بىر ئېيتىشلارغا قارىغاندا،15 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بريۇسسېل ئاھالىلىرى تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، دۈشمەن بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن، سىرتلاردا قېچىپ يۈرگەن يوھانⅣ نى تىرىك تۇتۇۋالغان، پۈتۈن شەھەر ئاھالىسى غەلىبە شادلىقىغا تولۇپ تەنتەنە قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، دۈشمەن ئارمىيىسى شەھەر مەمۇرىيىتى مەركىزىگە پارتلاتقۇچ كۆمۈپ، پىلىكىگە ئوت يېقىۋېتىدۇ. ئۇلىيان بۇنى بايقاپ قېلىپ، دەماللىققا ئۆچۈرىدىغان نەرسە تاپالماي، ئەقلىنى ئىشلىتىپ، سۈيدۈكى بىلەن پىلىكتىكى ئوتنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بريۇسسېل شەھىرى بىر قېتىملىق بالايىئاپەتتىن ئامان قالىدۇ.1619
- يىلى بېلگىيىنىڭ كاتتا ھەيكەلتىراشى جائىن دۇكىسنو خەلق ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئۇلىياننىڭ سىيىۋاتقان مىس ھەيكىلىنى ياساپ چىقىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن ھەيكەل تۇرغۇزۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي قويۇلغان جايدىن ئوغرىلاپ كېتىلىپ ھازىرغىچە ئىز - دېرىكى بولمىغان. ھازىر كىشىلەر كۆرۈۋاتقىنى ئۇنىڭ تەقلىدىي نۇسخىسىدۇر. ھەتتا بۇ تەقلىدىي نۇسخىسىمۇ1745 - يىلىدىن بۇيان ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ13 قېتىم ئوغرىلانغان. ھازىر كۈتۈلمىگەن ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، «ئۇلىيان كۆرگەزمە سارىيى» دا مىس ھەيكەلنىڭ ئونغا يېقىن تەقلىدىي نۇسخىسى ساقلانماقتا.
«بريۇسسېلنىڭ بىرىنچى ئاھالىسى» نىڭ مەركىزىي مەيداندا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىنىغا370 نەچچە يىل بولدى. كىشىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ كىچىك قەھرىماننى كۆرگىلى كېلىدۇ ھەمدە بالىلار كىيىمى سوۋغا قىلىپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشىدۇ. ھازىر ئۇلىياننىڭ ھەر خىل مىللىي پاسوندىكى300 قۇردىن ئارتۇق كىيىمى بار.1979 - يىلى9 - ئايدا، بېيجىڭ شەھەر ئاھالىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بريۇسسېل شەھەر باشلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ شەھەرگە زىيارەتكە بارغان ۋاقىتتا، قىزىل شايىدىن تىكىلگەن ئالدى ئوچۇق بىر قۇر خەنزۇچە كىيىم سوۋغا قىلغان.