UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىۋىناسنىڭ ھەيكىلى

ۋىناسنىڭ ھەيكىلى

چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قەدىمكى رىم رىۋايەتلىرىدە ۋىناس گۈزەللىك ۋە مۇھەببەت ئىلاھى، ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ ۋەكىلى ۋە نامايەندىسى دەپ قارالغان. قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى كائېسار ئىبادەتخانىسىغا ۋىناسنىڭ ھەيكىلىنى قويۇپ قويغان ھەمدە بۇ ئايال ئىلاھەنى ئۆزىنىڭ ئەجدادى دەپ قارىغان. ھازىرمۇ ۋىناس ھەيكىلى كىشىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، تەقلىدىي نۇسخىسى ئەڭ كۆپ ھەيكەلدۇر. ۋىناسنىڭ ھەيكىلى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1 - ئەسىردە يۇنانلىق داڭلىق ھەيكەلتىراش ئالېكساندروسنىڭ ئەسىرى بولۇپ، ئېگىزلىكى2 مېتىر كېلىدۇ، ھەيكەل تېنى يېرىم سۈزۈك دولومىتتىن ياسالغان ھەمدە قىزىل داغلىق مەرمەر ئۇلتاش ئۈستىگە قويۇلغان. ھەيكەلنىڭ ياسىلىشى نەپىس بولۇپ، ۋېنۇسنىڭ كۆرۈنۈشى تەمكىن، ئەگرى سىزىقلىرى ماسلاشقان، جازىبىدار، فىگۇرىسى قاملاشقان بولۇپ، ھەيكەلتىراشنىڭ ئۈستۈن ماھارىتىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ ھەيكەلگە مەيلى قايسى تەرەپتىن قارالسۇن، ئۇنىڭدا ئوخشاشلا بىر خىل گۈزەللىك ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ تەمكىن، ئىشەنچكە تولغان كۆزلىرى ۋە ئاغزىنى سەل ئېچىپ كۈلۈمسىرىگەن ھالىتى كىشىگە لاتاپەت ۋە پاراسەت تۇيغۇسى بېرىدۇ، ئەتەي زىلۋالاشتۇرۇپ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى سوۋۇتىدىغان سۈنئىي ھالەت يوق. ئۇنىڭ تولغان بەدىنى ۋە قۇسۇرسىز كېلىشكەن چىرايى، ياشلىق، گۈزەللىك ۋە تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچنى، ئادەمنىڭ تەربىيە كۆرگەنلىكى ۋە ئىچكى گۈزەل ئەخلاقىنى نامايان قىلىپ، كىشىگە ئوماقلىق ۋە قەدىرلىنىش تۇيغۇسى بېرىدۇ. ئايال ئىلاھەنىڭ بەدىنىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى رەخت بىلەن توسۇپ قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئادەم بەدىنى ھەرىكەت ھالىتى قۇرۇلمىسىدىكى ئەركىن تەبىئىي يوپكىنى نامايان قىلىدۇ، ھەيكەلگە ئۆزگىرىش ۋە ھاياتىي كۈچ قوشقان. ۋىناسنىڭ ھەيكىلى ھازىر فرانسىيىنىڭ لوئۇرې مۇزېيىدا ساقلانماقتا، ئۇ فرانسىيىنىڭ دۆلەت گۆھىرى دەپ تەرىپلەنگەن. بۇ يەردە يەنە بىر ئەگرى - توقاي جەريان بار.1820 - يىلىنىڭ بېشىدا گرېتسىيىگە قاراشلىق مىلوس ئارىلىدا چۇرگوس ئىسىملىك بىر دېھقان قەدىمكى دۈگىلەك ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانىنىڭ تام خارابىلىكى يېنىدىن بىر گۈزەل ئايالنىڭ ھەيكىلىنى قېزىۋالغان. ھەيكەلنىڭ بىلىكى ۋە ئاستى قىسمى يوق، ئۈستى قىسمى ئازراق بۇزۇلغان بولسىمۇ يەنىلا ئالاھىدە چىرايلىق كۆرۈنەتتى، شۇنىڭ بىلەن دېھقان ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدۇ. بىرنەچچە ئايدىن كېيىن فرانسىيە دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى ۋۇ ئودئەي مىلوس ئارىلىدا بۇ ھەيكەلنى كۆرۈپ قالىدۇ، ئۇ بۇ ھەيكەلنىڭ سەنئەت قىممىتىنى چوڭقۇر چۈشەنگەچكە، ئۇنى سېتىۋېلىپ فرانسىيىگە ئېلىپ كەتمەكچى بولىدۇ. بىراق ئۇ نەچچە مىڭ تەڭگە پۇلنى بىراقلا چىقىرالماي، ئالدىن100 كۈمۈش تەڭگە زاكالەت پۇلى بېرىدۇ ۋە فرانسىيىنىڭ مىلوس ئارىلىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلنىڭ قېشىغا بېرىپ پۇل ئارىيەت ئالماقچى بولىدۇ، بىراق كونسۇل ھەيكەلگە قىزىقمايدۇ، ۋۇ ئودئەي ئامالسىز ھەربىي پاراخوتقا ئولتۇرۇپ كونستانتىنوپولغا بېرىپ، فرانسىيىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى ئىزدەيدۇ. باش ئەلچى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئۆز ئادىمىنى قوشۇپ مىلوس ئارىلىغا بېرىپ8000 تەڭگىگە ئاز ئۇچرايدىغان بۇ قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرنى سېتىۋالىدۇ. ھەيكەل فرانسىيىگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، باش ئەلچى ئۇستا ھەيكەلتىراشلارنى تېپىپ ھەيكەلنى رېمونت قىلدۇرىدۇ ھەمدە ئۇنى فرانسىيە پادىشاھى لۇئى 18 گە ھەدىيە قىلىدۇ. كېيىن لۇئى 18 ئۇنى لوئۇرې مۇزىيىغا تەقدىم قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى