دىسكىچى ھەيكىلى
چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
بۇ ھەيكەل قەدىمكى ئافېنانىڭ ئۇلۇغ ھەيكەلتىراشى مىرون (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى492 - يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى452 - يىلىغىچە) نىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا يۇنان ھەيكەلتىراشلىقىدا كەڭ تارقالغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى.
دىسكىچى ھەيكىلى ئەسلىدە مىس ھەيكەل بولۇپ، ئەسلىي نۇسخىسى يوقاپ كەتكەن، ھازىرقىسى بولسا مەرمەردىن ياسالغان تەقلىدىي نۇسخىسى. بۇ ئەسەردە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك، ساغلام بەدىنى، شۇنداقلا غەلىبىگە بولغان ئىشەنچسى ئىپادىلەنگەن. ئەسەردە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ دىسكا ئېتىۋاتقان ۋاقىتتىكى ئەڭ تىپىك، ئەڭ گۈزەل ھالىتى تاللىۋېلىنغان، كىشىگە چاتما ھەرىكەت تۇيغۇسى ۋە رىتىمىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. تەنھەرىكەتچى ئوڭ قولىدا دىسكىنى مەھكەم تۇتقان، بېلىنى ئېگىپ پۈتۈن كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دىسكىنى ئېتىشقا تەمشىلىۋاتقان ھالىتى ئىپادىلەنگەن.
بۇ ئەسەردە ئەينى زاماندىكى ئەنئەنىۋى رامكا بۇزۇپ تاشلىنىپ، يۇنانلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك ئەرنىڭ ئوبرازى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلىپ، مۇرەككەپ ھەرىكەت ۋە ئورگانىزم قۇرۇلمىسى ئىنتايىن توغرا ئىپادىلەپ بېرىلگەن، ئادەم بەدىنىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ بىر پۇتقا چۈشكەندىكى ھەرىكەت ھالىتى ھەل قىلىنغان، ئۇنى قەدىمكى ھەيكەللەر ئىچىدىكى نادىر ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ