ئاۋگۇست (ئاۋگۇستۇس) ھەيكىلى
چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
1883 - يىلى رىم ئەتراپىدىكى ئاۋگۇستنىڭ كىچىك خانىشىنىڭ قەدىمىي تۇرالغۇسىدىن1800 يىل ئىلگىرىكى قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇمى ئاۋگۇستنىڭ ئۆرە تۇرغان ھەيكىلى قېزىۋېلىنغان، ئۇ ھازىرغىچە ۋاتىكان سەنئەت مۇزېيىدا ساقلانماقتا.
ئاۋگۇستنىڭ ھەيكىلى مىلادىيە1 - ئەسىردە ياسالغان. ھەيكەلدە ئاۋگۇستنىڭ ئۇچىسىغا ساۋۇت - دۇبۇلغا كىيگەن، سول قولىدا سەلتەنەت ھاسىسى تۇتقان، ئوڭ قولىنى بولسا ئېگىز كۆتۈرگەن، سول پۇتىنى ئالدىغا بىر قەدەم ئالغان، ئۇنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ئاتلىق ئەسكەرلەر ئالدىدىكى پاساھەتلىك قىياپىتى پادىشاھلىق سالاھىيىتىگە ناھايىتى ماسلاشقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ساۋۇتىدىكى كۆپتۈرمە نەقىش رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدىكەن. ئاۋگۇستنىڭ چىرايىدىن گەرچە ھەربىي سەركەردىلەرگە خاس بىر خىل سۈرلۈك قىياپەت ئىپادىلىنىپ، تۇرقى گويا ئۇلۇغ كىشىلەردەك مۇبالىغىلەشتۈرۈلۈپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ باش قىسمىدىكى ئىنچىكە تەسۋىرلەردىن، يەنىلا ئاۋگۇستنىڭ ئەينەن خاراكتېرى ئىپادىلەنگەن. ئۇ روھانىيلاردەك قىسقا چاچ قويغان، يۈزى ئورۇق، كەسكىن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ سۈرلۈك ۋە ئىرادىسى مۇستەھكەم خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئۇنىڭ يىراقلارغا مەنىلىك تىكىلگەن كۆزلىرى ۋە قەھرلىك چىڭ يۇمۇلغان كالپۇكىدىن، ئۇنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرەلەيدىغان، تەمكىن، ئېغىر - بېسىق، جاسارەتلىكلىكى ۋە دانالىقى ئىپادىلەنگەن. ھەيكەلنىڭ ئاستى تەرىپىدە يەنە دېلفىننىڭ ئۈستىگە مىنىۋالغان مۇھەببەت ئىلاھىنىڭ ھەيكىلى قويۇلغان، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەينى ۋاقىتتا ئاۋگۇست ئىلاھىيلاشتۇرۇلغان.
ئاۋگۇستنىڭ ھەيكىلى قەدىمكى رىم ئوردا ھەيكەللىرىنىڭ ئۈلگىسى، رىم سەنئەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ رىم ئادەم ھەيكەلتراشلىقىنى تەتقىق قىلىشىدىكى مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.