چىشى بۆرە ھەيكىلى
چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىمنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى بىناسىنىڭ يېنىدىكى مۇزېيغا بىر چىشى بۆرىنىڭ مىس ھەيكىلى قويۇلغان، ئۇنىڭدا بۆرىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ، ئالدى تەرەپكە ھوشيارلىق بىلەن قاراپ تۇرغان، ئاستىدا ئىككى ئوغۇل بوۋاقنىڭ بۆرىنىڭ ئەمچىكىنى ئېمىۋاتقان ھالىتى ئىپادىلەنگەن. بۇ ھەيكەل رىمنىڭ شەھەر بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ.
رىم ئاھالىلىرىنىڭ ياۋۇزلۇققا سىمۋول قىلىنغان بۆرىنى بۇ مەدەنىي شەھەرنىڭ بەلگىسى قىلىشىغا مۇنۇ رىۋايەت سەۋەب بولغان.
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى8 - ئەسىردە، ئەينى ۋاقىتتىكى ترويا شەھىرىنى يۇنانلىقلار ئىستېلا قىلغاندىن كېيىن، ترويا شاھزادىسى ئېنىيا دېڭىز - ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ ئىتالىيىگە قېچىپ كېلىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى ئارىسىدا خانلىق تالىشىش ماجىراسى كۆرۈلۈپ، ئامىليۇس ئاكىسى نوندېمىرنىڭ خانلىق تەختىنى تارتىۋالىدۇ ھەمدە نوندېمىرنى ئوردىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، جىيەن ئوغلىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، جىيەن قىزى سىرۋىيەنى كاھىن بولۇشقا زورلايدۇ. ئايال كاھىنلارنىڭ توي قىلىشىغا بولمايتتى، ئەمما سىرۋىيە ئوغرىلىقچە ئۇرۇش ئىلاھى ئارىس بىلەن توي قىلىپ قوشكېزەك ئوغۇل تۇغىدۇ. ئامىليۇس ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن سىرۋىيەنى ئۆلتۈرۈپ، بوۋاقلارنى سېۋەتكە سېلىپ تىبېر دەرياسىغا تاشلىۋېتىدۇ.
بەختكە يارىشا بۇ ۋاقىتتا دەريادىكى سۇ ئورنى تۆۋەنلەپ، سېۋەت دەريانىڭ تېيىز يېرىگە چىقىپ قالىدۇ، بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى بىر چىشى بۆرىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، ئۇ بالىنى يەۋەتمەستىن، ئۇنى ئۇۋىسىغا ئېلىپ كېتىپ كۆڭۈل قويۇپ ئېمىتىپ باقىدۇ. كېيىن بىر پادىچى بۇ بوۋاقلارنى بايقاپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدۇ ھەمدە ئۇلارغا رومۇرو ۋە رىموس دەپ ئات قويىدۇ. ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىن ئەلەم ماھارىتىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ئامىليۇسنى ئۆلتۈرۈپ، خانلىق تەختىنى تاغىسى نوندىمېرغا ئېلىپ بېرىدۇ. كېيىن ئۇلار ئۆزلىرى قۇتۇلۇپ قالغان تىبېر دەرياسى يېنىغا يېڭى بىر شەھەر بىنا قىلىدۇ، يېڭى شەھەر رومۇرونىڭ نامى بىلەن رىم دەپ ئاتىلىدۇ. «رىم» سۆزى «رومۇرو» دېگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭغا نام بېرىلگەن كۈن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى753 - يىل4 - ئاينىڭ21 - كۈنى بولۇپ، قەدىمكى رىملىقلار بۇ كۈننى دۆلەت قۇرۇلغانلىق خاتىرە كۈنى قىلغان.
كېيىن كىشىلەر قەدىمكى رىم تارىخىغا بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى6 - ئەسىردە مىستىن بىر چىشى بۆرىنىڭ ھەيكىلىنى ياسىغان. مىلادىيە16 - ئەسىرگە كەلگەندە، كىشىلەر يەنە بېشىنى سوزۇپ بۆرىنى ئېمىۋاتقان ئىككى ئوغۇل بالىنىڭ ھەيكىلىنى چىشى بۆرە ھەيكىلىنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن سەنئەتكارلار بۇ چىشى بۆرىگە نۇرغۇن ئىنسانىي تۇيغۇ ۋە ئانىلىق مېھىر تەبىئىتىنى ئاتا قىلغان، بۇ مىللىي تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە خاتىرە ھەيكەل بولۇپلا قالماستىن، يەنە قەدىمكى قىممەتلىك سەنئەت نادىر ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.