UyghurWiki
UyghurWikiچەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلى

ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلى

چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نيۇيورك پورتىدىكى بادرو ئارىلىدا غەربىي ئوكيانغا قاراپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلى ئامېرىكا مىللىتىنىڭ بەلگىسى. ساياھەتچىلەر بۇ مىس ھەيكەلنىڭ ئىچىگە كىرىپ، لىفت بىلەن ئۇدۇل ئۈستىگە چىقالايدۇ. ئىلاھە ئوڭ قولىدا ئەركىنلىككە سىمۋول قىلىنغان مەشئەل تۇتقان، سول قولىدا بولسا قانۇنغا سىمۋول قىلىنغان كىتاب تۇتقان، كىتاب مۇقاۋىسىغا ئامېرىكىنىڭ «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغان كۈن − «1776 - يىل7 - ئاينىڭ4 - كۈنى» يېزىلغان. ھەيكەلنىڭ تەگلىك ئۇلىغا داڭلىق داستان «يېڭى گىگانت ئادەم» نىڭ مىسرالىرى ئويۇلغان. بۇ مىس ھەيكەلنى فرانسىيىلىك ھەيكەلتىراش باتوردى ياسىغان. بۇنى فرانسىيە ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ100 يىللىقىنى (1876 - يىلى) خاتىرىلەش ئۈچۈن سوۋغا قىلغان.1876 - يىلى ئامېرىكا پارلامېنتى بىر تەكلىپ لايىھىسىنى ماقۇللاپ، ئەينى ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭ گرانتقا فرانسىيە سوۋغا قىلغان ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلىنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەن ھەمدە ئۇنى بادرو ئارىلىغا قويۇشنى قارار قىلغان.1885 - يىل6 - ئايدا، ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلى ئايرىم - ئايرىم،210 ساندۇققا قاچىلىنىپ، فرانسىيىنىڭ پاراخوتىغا سېلىنىپ، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ قوغدىشى بىلەن نيۇيورك پورتىغا ئېلىپ كېلىنگەن، پورتقا توختىتىپ قويۇلغان1000 نەچچە پاراخوت سىگنال بېرىپ قىزغىن قارشى ئالغان. بۇ مىس ھەيكەلنى ئورنىتىشقا بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن، ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كېرىفران يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. كېيىن يەنە توپتوغرا30 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، كېچە - كۈندۈز ئۆچمەيدىغان يورۇتۇش سىستېمىسى ياسالغان.1916 - يىل12 - ئاينىڭ2 - كۈنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋېلسون چىراغ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ياندۇرغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلى نيۇيورك پورتىدا مەڭگۈ ئۆچمەس نۇر چاقنىتىپ تۇرماقتا.
← بارلىق تېمىلار چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
ئەركىنلىك ئىلاھە ھەيكىلى | UyghurWiki | UyghurWiki