دانىيە سۇ پەرىسى
چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
دانىيە پايتەختى كوپېنھاگېندىكى لاڭئىلىن قولتۇقى دېڭىز ساھىلى باغچىسىغا بىر قىزنىڭ مىس ھەيكىلى قويۇلغان. بۇ قىزنىڭ پۇتى يوق، پەقەت بېلىقنىڭكىگە ئوخشايدىغان قۇيرۇقىلا بار. ئۇ تاش ئۈستىدە ئولتۇرۇپ دېڭىزغا كۆز تاشلىغان، چىرايىدىن قاتتىق خىيالغا چۆمۈپ بىرنېمىگە ئىنتىلىۋاتقان، ئەمما يەنە بىرئاز ئىككىلىنىۋاتقاندەك ھالەتتە كۆرۈنىدۇ. مانا بۇ دۇنياغا داڭلىق «دانىيە سۇ پەرىسى» دۇر.
سۇ پەرىسىنىڭ مىس ھەيكىلى دۇنياغا داڭلىق يازغۇچى ئاندېرسوننىڭ چۆچىكى «دېڭىز قىزى» غا ئاساسەن ياسالغان. چۆچەكتە ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر ھېكايە بايان قىلىنغان: ئادەم تەنلىك، بېلىق قۇيرۇقلۇق دېڭىز مەلىكىسى كىشىلىك دۇنياسىغا ھېرىس قىلىپ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى قۇربان قىلىپ، ئادەمگە ئايلىنىش ئۈچۈن تىلىنى پېرىخون ئايالنىڭ بىر دورىسىغا تېگىشىدۇ. ئۇ دورىنى يەپ ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن قۇيرۇقىنىڭ چىرايلىق پۇتقا ئايلانغانلىقىنى، ياش، قاملاشقان بىر شاھزادىنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ ....، ئەمما كېيىن شاھزادە قوشنا ئەلنىڭ مەلىكىسى بىلەن توي قىلماقچى بولىدۇ، دېڭىز مەلىكىسى بۇنى ئۇقۇپ قاتتىق ئازابلىنىدۇ. باشقىلار ئۇنىڭغا: ئەگەر يەنە غەم - قايغۇسىز دېڭىز مەلىكىسىگە ئايلانماقچى بولسا، شاھزادە توي قىلغان ئەتىگىنى ئۆتكۈر شەمشەرنى شاھزادىنىڭ كۆكرىكىگە سانجىپ قېنىنى ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئاققۇزسا، ئىككى پۇتىنىڭ بېلىق قۇيرۇقىغا ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بىراق مەلىكە شاھزادىگە زىيان يەتكۈزۈشنى خالىماي، ئۇ ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلاپ كۆپۈككە ئايلىنىپ كېتىدۇ.
دېڭىز مەلىكىسىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈك پەزىلىتى ۋە قۇربان بېرىش روھى يۈزمىڭلىغان ئوقۇرمەنلەرنى تەسىرلەندۈرىدۇ. دانىيىلىكلەر چۆچەكتىكى بۇ باش قەھرىمان ۋە ئاپتور ئاندېرسوننى خاتىرىلەش ئۈچۈن، دېڭىزغا ئالايىتەن بۇ مىس ھەيكەلنى ئورناتقان، دانىيىلىكلەر بۇ مىس ھەيكەلنى قىممەتلىك سەنئەت ئەسىرى دەپ قاراپلا قالماستىن، يەنە ئۇنى دۆلەتنىڭ بەلگىسى ۋە مىللىي روھنىڭ سىمۋولى قىلغان