كۇكۇركان ئاجايىپ يىلان مەنزىرىسى
چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
مېكسىكىدىكى يۇكاتان يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدا بىر داڭلىق قەدىمىي قۇرۇلۇش بار بولۇپ، كۇكۇركان ئېھرامى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى مۇشۇ يەردە ياشىغان مايالىقلار قالدۇرۇپ كەتكەن مەدەنىيەت خارابىلىكى. »كۇكۇركان« سۆزى مايا يېزىقىدا پەي تاقىۋالغان ئىلاھ يىلان دېگەن مەنىدە بولۇپ، مايالىقلار ئۇنى قۇياشنىڭ نامايەندىسى دەپ قاراپ ئۇنىڭغا چوقۇنغان.
بۇ ئېھرام مايالىقلارنىڭ ئەۋلىيالارغا تاۋاپ قىلىدىغان نەزىر - چىراغ مېھرابى، ئۇنىڭ ئاستى چاسا شەكىلدە بولۇپ، ئېگىزلىكى30 مېتىر، جەمئىي توققۇز قەۋەت، ئەڭ ئۈستىدىكى قەۋىتى ئالتە مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىبادەتخانا، ئېھرامنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ ھەربىر تەرىپىدە91 بالداقلىق تاش پەلەمپەي بار، بۇ پەلەمپەيلەرنىڭ ئومۇمىي سانىغا ئىبادەتخانىغا كىرىدىغان بىر پەلەمپەينى قوشقاندا جەمئىي بىر يىلدىكى365 كۈنگە تەڭ بولىدۇ. پەلەمپەينىڭ ئىككى تەرىپىدە بىر مېتىردىن ئارتۇق كەڭلىكتە پاسىل تام بار، شىمال تەرىپىدىكى پاسىل تامنىڭ ئاستى تەرىپىگە ناھايىتى چوڭ پەي تاقىۋالغان ئىككى يىلاننىڭ بېشى ئويۇلغان، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى بىر مېتىردىن ئاشىدۇ. ھەر يىلى ئەتىيازلىق ۋە كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلەشكەن كۈنى ئاخشىمى كۈن ئولتۇرىدىغان چاغدا بۇ يەردە ئاجايىپ بىر خىل يىلان كۆلەڭگىسى پەيدا بولىدۇ. كۈن نۇرى ئارقىلىق ئېھرام پەلەمپىيىنىڭ ئەگرى - بۈگرى سايىسى پاسىل تامغا چۈشۈپ دولقۇنسىمان يىلان شەكلىنى ھاسىل قىلىپ، يىلان بېشى بىلەن بىرلىشىدۇ. كۈننىڭ ئولتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، يىلان سايىسى خۇددى يۇقىرىدىن پەسكە بېغىرلاۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مۇشۇنداق ۋاقىتتا مايالىقلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، يىلان ئىلاھىنىڭ زېمىنغا چۈشۈپ يامغۇر ۋە مول ھوسۇل ئاتا قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىشىدىكەن.
كۇكۇركان ئاجايىپ يىلان مەنزىرىسى مايالىقلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. ئۇلار مول ئاسترنومىيە بىلىمى بىلەن يۈكسەك بىناكارلىق سەنئىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، دىنىي ئېتىقادقا بولغان ئىخلاسمەنلىكى ۋە دېھقانچىلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسىتىنى بىلدۈرگەن.