روسىيە قوڭغۇراق شاھى
چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
روسىيىنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى كرېمل سارىيىدا بىر ئېگىز ئىمارەت − ئىمپېراتور ئىۋان قوڭغۇراق راۋىقى بار. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىگە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر قوڭغۇراق قويۇلغان، كىشىلەر ئۇنى قوڭغۇراق شاھى دېيىشىدۇ.
بۇ قوڭغۇراقنىڭ ئېگىزلىكى ئالتە مېتىر، قوڭغۇراق ئاغزىنىڭ دىئامېتىرى يەتتە مېتىر كېلىدۇ، قوڭغۇراق تېمىنىڭ قېلىنلىقى يېرىم مېتىردىن ئاشىدۇ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى220 توننىدىن ئارتۇق. قوڭغۇراقنىڭ چوققىسىغا كرېست ئورنىتىلغان، سىرتىغا كۆركەم رەسىم ۋە نەقىشلەر چۈشۈرۈلگەن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە ئىخلاسمەن مۇرىتلار ۋە گۈزەل پەرىشتىلەرنىڭ چار پادىشاھنى ئارىغا ئېلىۋالغان، بەزىلىرىدە بولسا روسىيىنىڭ كۈچلۈك ۋە باتۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان مەنزىرىلەر بار .... بۇ رەسىملەر ئۇزاق يىللىق بوران - چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئەينەن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
بۇ قوڭغۇراقنى18 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قۇيمىچى ئى . ف . ماتورىن ۋە ئى . م . ماتورىن ئاتا - بالا ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ياساپ چىققان، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى ئىمپېراتور ئىۋاننىڭ قوڭغۇراق راۋىقىغا قويۇپ، چار پادىشاھقا ھەر كۈنى ۋاقىتنى بىلدۈرۈشنى ئويلاشقان، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن قوڭغۇراق قۇيۇلۇپ قېلىپتىن چىقماي تۇرۇپ بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە زاۋۇت كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان، شۇنىڭ بىلەن قوڭغۇراق ئوت يالقۇنى ئىچىدە يېرىلىپ كەتكەن ھەمدە خارابىلىك ئىچىگە كۆمۈلۈپ قالغان،100 يىلدىن كېيىن چار پادىشاھ نىكولاي ئۇنى قېزىپ چىقىشقا بۇيرۇق قىلغان ھەمدە ئۇنى كرېمل سارىيىغا يۆتكەپ كەلگەن. قوڭغۇراق چاك كەتكەچكە ئاۋازى چىقماس بولۇپ قالغان، شۇڭا كىشىلەر ئەزەلدىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغان، پەقەت ئۇنىڭ ئۇستا ماھارەت بىلەن ياسالغان تاشقى شەكلىدىنلا بەھرە ئالغان.