ئېرخۇ
چالغۇلار
ئېرخۇ كامانچىلىق چالغۇ. ئۇ1200 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. ئېرخۇنىڭ ئاۋازى يۇمشاق، ئۇنى توختىماستىن ئۇزاققىچە چالغىلى بولىدۇ، ئاۋازى ئادەمنىڭ ئاۋازىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ سۆزلەشكەن تەلەپپۇزىغا تەقلىد قىلغىلىمۇ بولىدۇ. شۇڭا، بەزىلەر ئۇنى «سۆزلىيەلەيدىغان چالغۇ» دەپمۇ ئاتايدۇ.
مىللىي مۇزىكىشۇناس ليۇتيەنخۇا ئىسكىرىپكا ئورۇنداش تېخنىكىسىدىكى بەزى ئارتۇقچىلىقلارنى، بولۇپمۇ يۇقىرى ئاۋاز رايونىدا ئورۇنداش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلىپ، ئېرخۇ چېلىش ماھارىتىنى ئىسلاھ قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئېرخۇ تەڭكەش قىلىنىدىغان چالغۇدىن يالغۇز ئورۇندىلىدىغان چالغۇغا ئۆزگەردى. ليۇتيەنخۇا ئىجاد قىلغان «خەيرلىك كېچە»، «ئايدىڭ كېچە»، «كېسەللىكتىن ئىڭراش» قاتارلىقلار ھازىرغا قەدەر ئورۇندىلىپ كېلىۋاتقان مەشھۇر مۇزىكىلاردۇر.
ئېرخۇ ئىچكى - تاشقى ئىككى تال تار، چالغۇ بېشى، يىلان تېرىسى، چالغۇ دەستىسى، چالغۇ قۇلىقى، بوغماق يىپ (تارنى دەستىگە باغلاپ تۇرىدىغان يىپ − ت)، خەرەك ۋە كامانچىلاردىن تەركىب تاپىدۇ. ئىچكى - تاشقى ئىككى تال تار ساپ بەش گرادۇس بويىچە سازلىنىدۇ. ئېرخۇنىڭ ئاۋاز دائىرىسى ئۈچ ئوكتاۋاغا يېتىدۇ. مۇقىم پەدە بېكىتىلمەيدۇ، خالىغانچە كۈي ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. ئېرخۇنى يالغۇز چېلىش ۋە تەڭكەش قىلىشتىن تاشقىرى، كوللېكتىپ چېلىشقىمۇ بولىدۇ. ئۇ يەنە چوڭ تىپتىكى مىللىي تۇرۇبىلىق - كامانچىلىق چالغۇلار ئوركېستىرىدا ئاساسلىق چالغۇ ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېرخۇ چېلىشتا كامالەتكە يەتكەن ياش مۇزىكانتلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقتى. كومپوزىتورلار چوڭ تىپتىكى ئېرخۇ كونسېرتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئېرخۇ مۇزىكىلىرىنى ئىجاد قىلدى، ئېرخۇنىڭ ئورۇندىلىش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە ناھايىتى زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى. چەت ئەللىك دوستلار ئىچىدە جۇڭگوغا كېلىپ ئېرخۇ ئۆگىنىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، ئېرخۇ تەدرىجىي ھالدا دۇنياغا يۈزلەندى.