پىپا
چالغۇلار
تەخمىنەن چىن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆزى دۈگىلەك، ئۇزۇن دەستىلىك بىر چالغۇ تارقىلىشقا باشلىغان. ئۇ ئاساسەن ئىككى خىل ئۇسۇلدا چېلىنغان: قولنى تارغا ئوڭ ئۇرۇش «پى»، تەتۈر ئۇرۇش «پا» دېيىلگەن. شۇڭا، كىشىلەر بۇ خىل چالغۇنى «پىپا» دەپ ئاتىغان.
جەنۇب - شىمال سۇلالىلەر مەزگىلىدە غەربىي دىياردىن دەستىلىك، تۆت تار بېكىتىلگەن، شەكلى نەشپۈتكە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر خىل چالغۇ تارقالغان. بىرەيلەن ئۇنى ئېلىمىزنىڭ پىپا چالغۇسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يېڭىچە پىپا ياساپ چىققان. چېلىش ئۇسۇلى جەھەتتە توغرىسىغا تۇتۇپ چېلىشنى تىك تۇتۇپ چېلىشقا، زەخمەك بىلەن چېلىشنى ئوڭ قولنىڭ بەش بارمىقى بىلەن چېلىشقا ئۆزگەرتكەن. قانچىلىغان سەنئەتكارلارنىڭ ئىسلاھ قىلغانلىقى نامەلۇم، ئاخىر ھازىرقى تۆت خەرەك12 پەدىلىك ۋە ئالتە خەرەك24 پەدىلىك ئىككى پىپا بارلىققا كەلگەن.
پىپادىكى تۆۋەن ئاۋاز رايونىنىڭ ئاۋازى سالماق ۋە بوم، ئوتتۇرا ئاۋاز رايونىنىڭ ئاۋازى يۇمشاق ۋە ياڭراق، يۇقىرى ئاۋاز رايونىنىڭ ئاۋازى زىل ۋە چىڭ چىقىدۇ. ئەڭ يۇقىرى ئاۋاز رايونلىرىنىڭ ئاۋازى ئۆتكۈر ۋە جىددىي تۈس ئالىدۇ. پىپانىڭ ئىپادىلەش كۈچى تولىمۇ زور. ئۇنىڭ بىلەن جەڭ ئاتلىرى قىيغىتىپ چېپىۋاتقان ھەيۋەتلىك، سەلتەنەتلىك «ئەلەم كۈيلىرى» نىمۇ، لىرىك، نازاكەتلىك، مۇلايىم ۋە نەپىس «قەلەم كۈيلىرى» نىمۇ ئورۇندىغىلى بولىدۇ. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن بۈيۈك شائىر بەي جۈيىنىڭ «پىپا پەزىلىتى» دېگەن داستانىدا «ساز چېلىندى جاراڭلاپ، ياڭرىدى ناۋا. ئۈنچە - مارجان تۆكۈلدى قاشتېشى جامغا» دېگەن مىسرالار بار. بۇنىڭدىن ئەينى زاماندا پىپا سەنئىتىنىڭ راسا مودا بولغانلىقى ھەمدە يۈكسەك سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.