UyghurWiki
UyghurWikiچالغۇلارئېغىز گارموشكا

ئېغىز گارموشكا

چالغۇلار ئېغىز گارموشكا ئاممىۋىلاشقان كلاپانلىق چالغۇ. ئۇ ئەپچىل، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، باھاسى ئەرزان. ئۇنى چېلىشمۇ باشقا چالغۇلارغا قارىغاندا ئاسان. ئېغىز گارموشكا گېرمانىيىدە كەشىپ قىلىنغان.1821 - يىلى گېرمانىيىنىڭ «توسئېن» ناملىق كىچىك بازىرى، مۇزىكانت بۇشمان تاماقتىن كېيىن سەيلە قىلىش مەقسىتىدە بازارنىڭ چېتىگە جايلاشقان بىر يېزىغا كەلدى. شۇ ئەسنادا ئۇنى غەلىتىلا بىر ئاۋاز جەلپ قىلىۋالدى. بۇشمان بۇرۇلۇپ ئاۋاز ئاڭلانغان تەرەپكە قارىدى. ئىشىك بوسۇغىسىدا كىچىك بىر قىزچاق ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ قولىدا كالا مۈڭگۈزىدىن ياسالغان بىر تارغاق تۇراتتى. تارغاققا ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشاش بولمىغان نېپىز قەغەز پارچىلىرى چاپلانغانىدى. قىزچاق پۈۋلىگەن قەغەز پارچىلىرىدىن «غات، غات» قىلغان ئاۋازلار چىقىۋاتاتتى. بۇشمان خىيالىغا بىر ئىش كەلگەندەك بولدى. ئۇ دەرھال ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ باش قاتۇرۇپ ئويلىنىشقا باشلىدى. ناھايەت، پىل چىشىدىن تارغاققا ئوخشىشىپ كېتىدىغان، نۇرغۇن كلاپانلار ئورنىتىلغان چالغۇ ياساپ چىقتى. مانا بۇ دۇنيادىكى تۇنجى ئېغىز گارموشكىسى ئىدى. ھازىرقى ئېغىز گارموشكىلىرى ياغاچتىن ياسىلىدۇ، ئىككى تەرىپى مېتال تاختا بىلەن زىننەتلىنىدۇ. ئىچىگە نۇرغۇن كىچىك كلاپانلار ئورنىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئاۋازلار تەبىئىي ئاۋازلار باسقۇچى بويىچە تىزىلىدۇ. گارموشكىنىڭ يان تەرىپىدىكى كىچىك تۆشۈكلەرگە پۈۋلەش ئارقىلىق ئاۋاز چىقارغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ چېلىش ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ. گارموشكا بىلەن تاق، قوش ئاۋازلار ھەمدە ئاككوردلارنى چالغىلى ھەتتا بەزى چالغۇلارنىڭ ئاۋازىغا تەقلىد قىلغىلىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، گارموشكىنى يالغۇز چېلىشقىمۇ، ناخشىلارغا تەڭكەش قىلىشقىمۇ، نەچچە ئادەم ئاككوردلۇق چېلىشقىمۇ، نەچچە ئون ئادەم تۈرلۈك تىپتىكى گارموشكىلارنى ئوركېستىر تەرىقىسىدە ئورۇنداشقىمۇ، باشقا چالغۇلار بىلەن بىرلىكتە چېلىشقىمۇ بولىدۇ. ھازىر گارموشكا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەھنە سەنئىتى ۋە باشقا تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلمەكتە. ئېلىمىزدە «جۇڭخۇا ئېغىز گارموشكا جەمئىيىتى»، «شاڭخەي ئېغىز گارمۇشكا جەمئىيىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار قۇرۇلدى. ئېغىز گارمۇشكا ياساش ۋە چېلىشتا شۆھرەت قازانغان شې رېنۋاڭ ئەپەندى ھېلىمۇ جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە داڭق چىقارماقتا.
← بارلىق تېمىلار چالغۇلار
ئېغىز گارموشكا | UyghurWiki | UyghurWiki