UyghurWiki
UyghurWikiچالغۇلارپىئانىنو

پىئانىنو

چالغۇلار 1709 - يىلى ئىتالىيىلىك كرىستوفورى قەدىمىي پىئانىنو بىلەن خارپسىكوردنى يەنىمۇ ياخشىلاش، بىر خىل يېڭىچە توقماقلىق تىل مېخانىزمىنى قوللىنىش ئارقىلىق چالغۇنىڭ ئاۋاز كۈچى ۋە كۈچ مىقدارىنى تىزگىنلىدى. نەتىجىدە، چېلىش ئۈنۈمى خېلىلا ئۆستى.1711 - يىلى گېرمانىيىلىك چالغۇ ئۇستىسى گرىم مۇشۇ ئاساستا ھازىرقى زاماندىكى تۇنجى تىكلىمە پىئانىنونى سىناق قىلىپ ياساپ چىقتى. پىئانىنونىڭ گەۋدىسى ئادەتتە ياغاچتىن ياسىلىدۇ، ئىچىگە لىسور ئورنىتىلىدۇ، لىسورغا نەچچە ئون رەت پولات سىم بېكىتىلىدۇ، تىلنى باسقاندا كىچىك توقماقلار پولات سىمغا تېگىپ ئاۋاز چىقىرىدۇ. پىئانىنو تىللىرى12 تەڭلىمىلىك ئاۋاز قانۇنىيىتى بويىچە تەڭشىلىدۇ. ئاق تىللار C چوڭ كۈينىڭ تەبىئىي ئاۋازلار باسقۇچى، قارا تىللار ئۇنىڭ ئۆزگەرگەن ئاۋازلىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار بەلكىم باشقا كۈيلەرنىڭ تەبىئىي ئاۋازلىرى بولۇشىمۇ ئېھتىمال. پىئانىنودا جەمئىي85 ياكى88 تىل بولىدۇ. پىئانىنو شەكىل جەھەتتە ئۈستەل شەكىللىك ۋە تىكلىمە شەكىللىك دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. پىئانىنونىڭ ئاۋاز دائىرىسى كەڭ، ئاۋازى كۈچلۈك، ئاۋاز تۈسى رەڭگارەڭ ۋە ئۆزگىرىشچان، چېلىش تېخنىكىسى مۇرەككەپ، ئىپادىلەش كۈچى ناھايىتى زور. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك ئۇسلۇب ۋە تۈرلۈك بەدىئىي تەلەپكە ئىگە مۇزىكىلارنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ. كىشىلەر ئۇنى «چالغۇ شاھى» دەپ ئاتىشىدۇ. پىئانىنونى يالغۇز چالغىلىمۇ، ناخشا - مۇزىكىلارغا تەڭكەش قىلغىلىمۇ، تۇرۇبىلىق - كامانچىلىق چالغۇلار ئوركېستىرى بىلەن بىللە چالغىلىمۇ بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ نۇرغۇن كومپوزىتورلارنىڭ كۆڭلىگە ياققان. بىتخوۋېن، شوپىن، لىزت قاتارلىق مەشھۇر كومپوزىتورلار نۇرغۇن پىئانىنو ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغان.
← بارلىق تېمىلار چالغۇلار
پىئانىنو | UyghurWiki | UyghurWiki