ئېلېكترونلۇق چالغۇ
چالغۇلار
ئېلېكترونلۇق چالغۇنى ئامېرىكىلىق كاخىل1906 - يىلى تۇنجى بولۇپ كەشىپ قىلغان. ھالبۇكى، تاۋار شەكلىنى ئالغان ئېلېكترونلۇق چالغۇ20 - ئەسىر30 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكىلىق لاۋرېنس خاموند تەرىپىدىن ياسالغان.
ئېلېكترونلۇق چالغۇدا فىليوت، كلارنېت، ترومپىت، كورنى، ئىسكىرىپكا، پىئانىنو قاتارلىق تۈرلۈك چالغۇلارنىڭ ئاۋازىغا تەقلىد قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان ئاپتوماتىك رىتىم پەيدا قىلغىلى، يەنى مارش، ۋالىس، دىسكو، تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسسۇل مۇزىكىلىرىنىڭ رىتىمىنى چالغىلىمۇ بولىدۇ. ئېلېكترونلۇق چالغۇدا تۆۋەن ئاۋازلىق ئاپتوماتىك ئاككورد سىستېمىسى بولغاچقا ئاككوردلار ئاسانلا چېلىنىدۇ.
ئېلېكترونلۇق چالغۇنىڭ تۈرلىرى بەكمۇ كۆپ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدۇ، بەزىلىرى مۇقىم بىر جايدا ئىشلىتىلىدۇ. ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدىغان ئېلېكترونلۇق چالغۇلارنىڭ باھاسى بىرقەدەر ئەرزان، ئۇلاردا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشمۇ ئاددىي. بۇ خىل چالغۇلار ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنىڭ مۇزىكا ئۆگىنىش، خاراكتېر يېتىلدۈرۈش، زېھنىنى ئېچىشتىكى ياخشى ھەمراھى ھېسابلىنىدۇ. بىر جايدا مۇقىم ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكترونلۇق چالغۇلارغا ئىككى رەت، ئۈچ رەت تىل، ئاستى تەرىپىگە ئاۋاز چىقىرىدىغان پىداللار ئورنىتىلغان بولىدۇ. بۇ خىل چالغۇلارنىڭ ئىقتىدارى تولۇق، چېلىش تېخنىكىسىمۇ خېلى مۇرەككەپ.