UyghurWiki
UyghurWikiچالغۇلارچاڭ

چاڭ

چالغۇلار چاڭنىڭ قىياپىتى قانات قېقىپ تۇرغان كېپىنەككە ئوخشايدۇ. مۇزىكانت ئىككى تال ئىنچىكە چوكا بىلەن چالغۇ ئۈستىگە قاتار تارتىلغان پولات سىملارنى ئۇرسا «تاراڭ - تۇرۇڭ» قىلغان مۇزىكىلىق ئاۋازلار ياڭرايدۇ. تېز سۈرئەتلىك مۇزىكىلارنى ئورۇندىغاندا چاڭنىڭ يەڭگىل ۋە شوخ ساداسى ھاۋادا خۇددى كېپىنەكتەك پەرۋاز قىلىدۇ. شۇڭا، بەزىلەر ئۇنى «كېپىنەك چالغۇ» دەپمۇ ئاتايدۇ. چاڭ ئەرەبىستان ۋە پىرسىيە تەرەپلەردىن كەلگەن. تەخمىنەن مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى سودىگەرلەر ئۇنى يىپەك يولى ئارقىلىق جۇڭگوغا ئېلىپ كەلگەن. ئەينى زاماندا ئۇ «ياڭچىن» (چەت ئەل چالغۇسى − ت) دەپ ئاتالغان. بۇ خىل چالغۇ چېلىشقا ئەپلىك، ئاۋازى گۈزەل ۋە يېقىملىق بولغانلىقتىن ناھايىتى تېزلا ئەتراپقا تارقالغان. خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ نەچچە يۈز يىللار داۋامىدا ئىسلاھ قىلىشى ئارقىلىق چاڭ شەكىل، قۇرۇلما، سىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەمدە چېلىش تېخنىكىسى جەھەتتە يېڭى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، جۇڭگونىڭ خەلق چالغۇسىغا ئايلانغان. چاڭ ئوخشاش بولمىغان ئاۋاز شەكىللىرىنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا خېلى تېز سۈرئەتتە چالالايدۇ، تۈرلۈك كەيپىياتلارنىمۇ ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ، نەي، ئېرخۇ قاتارلىق چالغۇلارغا يالغۇز تەڭكەش قىلالايدۇ. ئۇ يەنە كوللېكتىپ مۇزىكىلاردا دىرىژورلۇق رولىنىمۇ ئوينايدۇ. چاڭ چېلىۋاتقان مۇزىكانت چاڭنىڭ تاختىسىغا «تاق - تاق» قىلىپ ئىككىنى ئۇرۇشى بىلەنلا، باشقا مۇزىكانتلار مۇزىكىنىڭ سۈرئىتىدىن خەۋەر تېپىپ، رىتىمغا ئۆزلۈكىدىن ماسلىشالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار چالغۇلار
چاڭ | UyghurWiki | UyghurWiki