ئىسكىرىپكا
چالغۇلار
ئىسكىرىپكىنىڭ ئاۋاز تۈسى گۈزەل بولۇپ، ئادەم ئاۋازىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئاۋاز دائىرىسى كەڭ، ئىپادىلەش كۈچى زور. ئىسكىرىپكا دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ ئىزچىل تۈردە چالغۇلار ئارىسىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولغان. شۇڭا، پىئانىنو «چالغۇلار شاھى» دەپ تەرىپلەنسە، ئىسكىرىپكىنى «چالغۇلار خانىشى» دېيىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئىسكىرىپكا ئەرەبىستاندا بارلىققا كەلگەن.11 - ئەسىردە ئىتالىيىگە تارقالغان، تەخمىنەن15 - ئەسىرگە كەلگەندىلا، تەدرىجىي ھالدا ھازىرقى شەكىلگە كىرگەن. ئىسكىرىپكىنىڭ قۇرۇلمىسى چالغۇ گەۋدىسى، چالغۇ دەستىسى ۋە چالغۇ بېشىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. چالغۇ گەۋدىسى يۈزلۈك، تەگلىك ۋە يان تاختىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، كاۋىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىچىگە يۈزلۈك بىلەن تەگلىكنى تىرەپ تۇرىدىغان ياغاچ تىرەك ئورنىتىلىدۇ. ئۇنى ئىتالىيىلىكلەر «چالغۇ روھى»، فرانسىيىلىكلەر «روھ تىرىكى» دەپ ئاتىشىدۇ. چالغۇ دەستىسى چالغۇ گەۋدىسىنىڭ يۇقىرىسىغا ئورنىتىلىدۇ، ئۈستىگە قارا ياكى قىزىل ياغاچتىن پەدە تاختىسى بېكىتىلىدۇ. چالغۇ بېشى چالغۇ دەستىسىنىڭ ئۇچىغا ئورنىتىلىدۇ، شەكلى قۇلۇلىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئىسكىرىپكىغا تۆت تال سىم سېلىنىدۇ، سىملار ياغاچتىن ياسالغان سىمتارتقۇغا بېكىتىلىپ بەش گرادۇسلۇق مۇناسىۋەت بويىچە سازلىنىدۇ. ئىسكىرىپكا كامانچىسى كامانچە تايىقى بىلەن ئاتنىڭ قۇيرۇقىدىن تەركىب تاپىدۇ. كامانچە ئاۋاز، ئاۋاز كۈچى ۋە ئاۋاز تۈسىنى تىزگىنلەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.
ئىسكىرىپكىنىڭ چېلىش تېخنىكىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ. سول قول تېخنىكىسى سىم بېسىش، سىم يۆتكەش، پەدە يۆتكەش، بارماق يۆتكەش، تىترىتىش، سىم چېكىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئوڭ قول تېخنىكىسى كامانچە تۇتۇش، كامانچە ئىشلىتىش، سىم يۆتكەش، كامانچە يۆتكەش، كامانچىنى ئۇزۇن تارتىش، قىسقا تارتىش، تۇتاش تارتىش، سەكرىتىش، كېسىپ تارتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسكىرىپكىدا مېلودىيە، قوش ئاۋاز، ئاككورد، تاقلىما ئاككورد ھەمدە سۈنئىي - تەبىئىي ئوبېرتونلارنى چالغىلى بولىدۇ.