نەي
چالغۇلار
نەي ئېلىمىزنىڭ بىر خىل قەدىمىي تۇرۇبىلىق چالغۇسى، ئۇ ناھايىتىمۇ كەڭ تارقالغان. خەن ۋۇدى زامانىسىدا جاڭ چيەن غەربىي دىيارغا ئەلچىلىككە بېرىپ، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئەكەلگەن «توغرىسىغا پۈۋلەپ» چېلىنىدىغان چالغۇ نەينىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىدۇر. جۇڭگونىڭ نېيى بامبۇكتىن ياسالغاچقا «بامبۇك نەي» مۇ دېيىلىدۇ. چەت ئەللەردە بەزىلەر ئۇنى «خاسىيەتلىك نەي»، «شاياتۇن نېيى» دەپمۇ ئاتىشىدۇ.
نەينىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپ ئۇچرايدىغىنى چۈدى (بىر خىل نەي − ت) بىلەن جاڭدى (بىر خىل نەي − ت). چۈدى چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا كۆپ تارقالغان. ئۇ تومراق كېلىدۇ، مونجاما بوشراق چاپلىنىدۇ، ئاۋازى تۆۋەن، ئاۋاز تۈسى تولۇق، سۈزۈك كېلىدۇ. بۇ خىل نەي ئادەتتە كۈنچۈي تىياتىر ناخشىلىرىغا تەڭكەش قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. باڭدى شىمالغا تارقالغان. ئۇ كۆپ ھاللاردا باڭدى تىياتىرلىرىغا تەڭكەش قىلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇ «باڭدى» دەپ ئاتىلىدۇ. باڭدى چۈدىدىن قىسقا كېلىدۇ، ئاۋازى چۈدىدىن تۆت گرادۇس يۇقىرى بولىدۇ، يارقىن، ياڭراق سادا چىقىرىدۇ. «قامچا ئوينىتىپ، ئاتنى ھەيدەپ ئاشلىق توشۇش» ناملىق مەشھۇر مۇزىكا باڭدى بىلەن ئورۇندالغان.
يېقىنقى40 يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن نەي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئىسلاھ قىلىشى ئارقىلىق كۆپلىگەن يېڭى نەي تۈرلىرى سىناق قىلىنىپ ياسالدى. ئالايلۇق، يۈسۇنفا ئىجاد قىلغان نەينىڭ ئاۋازى چىڭ بولۇپ، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى دوراشقا ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن «تورغاي»، «تاڭدىكى قۇش ناۋاسى» ناملىق مۇزىكىلار ئورۇندالسا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. جاۋ سۇڭتىڭ چۈدى، باڭدى ھەمدە يۇقىرى ئاۋازلىق نەينى ئىجادىي بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلەش كۈچىگە باي بولغان بىر خىل يۈرۈشلۈك نەي ياساپ چىقتى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، سەككىز تۆشۈكلۈك نەي، توققۇز تۆشۈك ئېچىلىپ توپچا ئورنىتىلغان نەي قاتارلىقلارمۇ بار.