سۇناي
چالغۇلار
سۇناي «خەيدى» (笛海) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئەسلىدە ئەرەب ۋە پارسلارنىڭ چالغۇسى بولۇپ، جىن، يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىغا كىرگەن. كېيىنچە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان. ئۇ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە «سونا»، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە «سۇرنەي» دەپ ئاتالغان. ئۇلار پارسچە سۆزلەرنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر. بۇ چالغۇ پىپىر (قومۇشتىن ياسىلىدۇ)، لەۋ توسمىسى، ئىچ نەيچە، دەستىسى، قالپىقى (مىستىن ياسىلىدۇ) قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، شەكلى كانايگۈلگە ئوخشايدۇ.
سۇناينىڭ ئاۋازى ياڭراق. ئۇنى كوللېكتىپ ۋە يالغۇز چالغاندىن تاشقىرى، تىياتىر ۋە ناخشا - ئۇسسۇللارغا تەڭكەش قىلغىلىمۇ بولىدۇ. سۇناي ئەل ئىچىدىكى توي - تۆكۈن، ھېيت - ئايەملەردە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. چېلىش ئۇسۇلى ئېغىز ماھارىتى ۋە قول ماھارىتى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بۇ خىل چالغۇ ئىپادىلەش كۈچىگە تولىمۇ باي، ئۇنىڭدا مۇزىكىنىڭ مەزمۇن ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاق ئاۋاز، تىل زىننەتلىمە ئاۋاز، نەي ئاۋازى، تېيىلغۇ ئاۋاز، قاتلىما ئاۋاز، ئۇرۇلما ئاۋاز، تەگلىك ئاۋاز قاتارلىقلارنى چىقارغىلى بولىدۇ. ئەنئەنىۋى سۇناي مۇزىكىلىرى «قىيا ئېچىلغان ئىشىك»، «تاڭدىكى قۇش ناۋاسى»، يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان مۇزىكىلار «تاغلىق يېزىغا مال ساتقۇچى كەلدى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.