ئالتە چوڭ پىلان
بۈگۈنكى جۇڭگو
پەن - تېخنىكا − بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى. جۇڭگو تەرەققىي قىلماقچى بولىدىكەن، پەن - تېخنىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشمۇ پەن - تېخنىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئېلىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمىتىدە مۇنداق ئالتە چوڭ پىلان يولغا قويۇلماقتا:
بىرىنچىسى، دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكىدىكى قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش پىلانى. بۇ پىلان1983 - يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، ئاساسلىقى خەلق ئىگىلىكىدە زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدىغان بىر تۈركۈم پەن تەتقىقات تۈرلىرى تاللىنىپ، دۆلەت ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەشكىللەپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ناھايىتى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى زىرائەت ۋە چارۋا ئۆي قۇشلىرىنىڭ نەسلىنى ياخشى تاللاش، ئوتتۇرا، تۆۋەن ھوسۇللۇق رايونلارنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتىن ئىبارەت. سانائەتتە ئاساسلىقى يېڭىدىن گۈللەنگەن تېخنىكىلارنىڭ ئەنئەنىۋى سانائەتتە قوللىنىلىشى چىڭ تۇتۇلىدۇ، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە، بىئولوگىيە قۇرۇلۇشى، كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭ - چوڭ تۈرلەر نۇقتىلىق تەشكىللىنىدۇ.
ئىككىنچىسى، ئۇچقۇن پىلانى. بۇ1986 - يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان، ئېلىمىز يېزىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پەن - تېخنىكا پىلانىدۇر. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى يېزىلاردا ئەمەلىي تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە تېخنىكا قورال - جابدۇقلىرىنى ئېچىش ۋە كېڭەيتىش، يېزىلاردا پەن - تېخنىكىدا باشلامچى بولىدىغان ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىلىرىنى بەرپا قىلىش، دېھقانلار ئارىسىدا كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ پىلان يولغا قويۇلۇپ، غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھازىر تۈۋرۈك كەسىپلەر ۋە رايونلارنى ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىنىپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پەن - تېخنىكا كاپالىتى يارىتىلماقتا.
ئۈچىنچىسى، مەشئەل پىلانى. بۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ تاۋارلاشتۇرۇلۇشىنى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پىلاندۇر. ئۇنىڭ مەقسىتى: ئېلىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تاۋارلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق تاۋارلارنى كەسىپلەشتۈرۈش، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپنى خەلقئارالاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ پىلاندا ئاساسلىقى مىكرو ئېلېكترون ۋە كومپيۇتېر، ئۇچۇر، لازېر نۇر، يېڭى ماتېرىيال، بىئولوگىيە قۇرۇلۇشى، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەش، ماشىنا - ئېلېكترنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلار ئاساسىي مەزمۇن قىلىنىدۇ.1988 - يىلى8 - ئايدا يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، دەسلەپكى قەدەمدە سىستېما ھاسىل قىلىندى. ھازىر مەملىكەت بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىن28 ى قۇرۇلۇپ، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.
تۆتىنچىسى، يۇقىرى تېخنىكا تەتقىقاتى تەرەققىيات پىلانى. بۇ1986 - يىلى3 - ئايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولغاچقا، «863» پىلانى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ كەلگۈسىدە ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتىدىغان پەن - تېخنىكا پىلانىدۇر؛ بۇنىڭدا ئېلىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بىئوتېخنىكا، ئالەم تېخنىكىسى، ئۇچۇر تېخنىكىسى، لازېر نۇر تېخنىكىسى، ئاپتوماتلاشتۇرۇش تېخنىكىسى، ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ۋە يېڭى ماتېرىيال تېخنىكىسىدىكى بەزى ساھەلەر بۆسۈش مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىپ، دۇنيا سەۋىيىسى بىلەن بولغان پەرق كىچىكلىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى سەۋىيىلىك بىر تۈركۈم پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى يېتىشتۈرۈپ چىقىلىدۇ.
بەشىنچىسى، ئۇل تەتقىقات پىلانى. بۇ ئېلىمىز پەن - تېخنىكا تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىدىكى مۇھىم پىلاندۇر، دۆلەت بۇنىڭغا كۆپلەپ ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ سەرپ قىلىپ،100 گە يېقىن نۇقتىلىق تەجرىبىخانىنى قۇرۇپ چىقتى. مەسىلەن، بېيجىڭدىكى مەنپىي ۋە مۇسبەت ئېلېكترون سوقۇشتۇرۇش ماشىنىسى، لەنجۇدىكى ئېغىر ئىئون تېزلەتكۈچ، خېفېيدىكى ماس قەدەملىك رادىئاتسىيىلىك قۇرۇلما قاتارلىقلار، نەتىجىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئۇل تەتقىقاتىدىكى قىسمەن قورال - جابدۇق سەۋىيىسى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ھازىر ئالدىنقى قاتاردا تۇرالايدىغان ۋە مۇھىم قوللىنىش ئىستىقبالى بار ياكى ئېلىمىزنىڭ جۇغراپىيىلىك بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرالايدىغان، دۆلەتنىڭ ئۇل تەتقىقات سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەر ئالدىدا تاللىنىپ، دۆلەتنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇق ئۇسۇلى ئارقىلىق تەشكىللىنىپ يولغا قويۇلماقتا.
ئالتىنچىسى، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى نۇقتىلىق كېڭەيتىش پىلانى. بۇ پىلاننىڭ مەقسىتى: پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ئايلىنىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىش، ئىلغار ۋە پىشقان پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى پىلانلىق ۋە تەشكىللىك ھالدا خەلق ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا كىرگۈزۈش، مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان پەن - تېخنىكا خادىملىرى ۋە پۈتكۈل ئىجىتمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇنى يېزا، زاۋۇت، كان ۋە كارخانىلاردا زور دائىرىدە زور كۆلەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇش، كۆلەم ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىش، پەن - تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنى زىچ بىرلەشتۈرۈش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە كەسىپ تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆلەملىك ئىگىلىكىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، سانائەتتە نۇقتىلىق ھالدا ئېنېرگىيە تېجەش، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مۇھىت بۇلغىنىشنى ئازايتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجىلەرنى كېڭەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدە نۇقتىلىق ھالدا ئاشلىق، پاختا، ياغلىق داننىڭ كەڭ كۆلەملىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك بولۇش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش كېرەك، ۋەھاكازا.