UyghurWiki
UyghurWikiبۈگۈنكى جۇڭگوئاھالىسى

ئاھالىسى

بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئاھالىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ،1992 - يىلى1 مىليارد170 مىليون (تەيۋەن، شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرىنىڭ ئاھالىسى بۇنىڭغا كىرمەيدۇ) غا يېتىپ، دۇنيا ئاھالىسىنىڭ بەشتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئاھالىسىنىڭ زىچلىقى ھەر كۋادرات كىلومېتىرغا118 ئادەمدىن توغرا كېلىدۇ. دۇنيا بويىچە ئوتتۇرىچە ئاھالە زىچلىقىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن ئاشىدۇ. يىلىغا ئوتتۇرىچە ساپ كۆپەيگەن ئاھالە15 مىليونغا يېتىدۇ، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن يۇقىرى. ئېلىمىز ئاھالىسىنىڭ جايلىشىشى تولىمۇ تەكشى ئەمەس. شەرقىي قىسىم مۇسسونلۇق رايونى پۈتۈن مەملىكەت يەر كۆلىمىنىڭ %46 ىنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن ئاھالىسى پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ %92.7 ىنى ئىگىلەيدۇ؛ غەربىي شىمالدىكى قۇرغاق رايونلار پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %27.3 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئاھالىسى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ ئاران %6.6 ىنى ئىگىلەيدۇ؛ چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى پۈتۈن مەملىكەت يەر كۆلىمىنىڭ %26.7 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئاھالىسى پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ %0.7 ىنىلا ئىگىلەيدۇ. جۇڭگودا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئاھالىنىڭ كۆپىيىشى تىزگىنلىنىپ ئاز تۇغۇش، سۈپەتلىك تۇغۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. بىر جۈپ ئەر - خوتۇن بىرلا پەرزەنتلىك بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بۈگۈنكى جۇڭگو
ئاھالىسى | UyghurWiki | UyghurWiki