جۇڭگو مۇھاجىرلىرى
بۈگۈنكى جۇڭگو
جۇڭگو مۇھاجىرلىرى چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان، جۇڭگو تەۋەلىكى بولغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. چەت ئەل تەۋەلىكىگە كىرگەن ياكى ئېرىشكەن جۇڭگو قان سىستېمىسىدىكى كىشىلەر چەت ئەل پۇقرالىرى بولۇپ، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى دېيىلمەستىن، چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇقلار دېيىلىدۇ.
جۇڭگو مۇھاجىرلىرى بىلەن چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئومۇمىي سانى تەخمىنەن30 مىليون بولۇپ،90 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان، ئاساسلىقى مالايسىيە، تايلاند ۋە ھىندۇنېزىيە قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە جايلاشقان. ئاندىن قالسا جەنۇبىي، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ياۋروپا، ئوكيانىيە ۋە ئافرىقىغىمۇ مەلۇم ساندا جايلاشقان. ئۇلار جۇڭگولۇقلارغا خاس ئەمگەكچانلىق ۋە باتۇرلۇق روھى، شۇنداقلا ئۆز ئەقىل - پاراسىتى بىلەن ئۆزى تۇرغان جاينىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشماقتا ھەمدە ئىزچىل تۈردە ۋەتەن خەلقى بىلەن تەقدىرداش بولۇپ، بار - يوقنى تەڭ كۆرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشماقتا. ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە چەت ئەلدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئەزەلدىنلا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان كۈچ بولۇپ قالدى. دۆلەت مۇھاجىرلار خىزمىتىگە ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ۋەتەنگە قايتقان جۇڭگو مۇھاجىرلىرىغا يار - يۆلەك بولۇپ كەلدى؛ مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، يۇرت - ماكانىنى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى قوغدىدى ۋە جارى قىلدۇردى.