UyghurWiki
UyghurWikiبۈگۈنكى جۇڭگوئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇش

ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇش

بۈگۈنكى جۇڭگو 1979 - يىلى جۇڭگو ئالدى بىلەن گۇاڭدۇڭ ۋە فۇجيەن ئۆلكىلىرىنىڭ تاشقى ئىقتىسادىي پائالىيىتىدە ئالاھىدە سىياسەت ۋە جانلىق تەدبىرلەرنى قوللاندى. ئىككىنچى يىلى5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارار ماقۇللىشى ئارقىلىق، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن، جۇخەي، شەنتۇ شەھەرلىرى ۋە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قىلىپ قۇرۇلدى.1988 - يىلى خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادىي سىياسەت يولغا قويۇلۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون بولۇپ قالدى. بىرقانچە يىللىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلاردا خەلقئارا ئادەتكە ماس كېلىدىغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتى دەسلەپكى قەدەمدە يارىتىلىپ، تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىدىغان «قىزىق نۇقتا» رايونى بولۇپ قالدى. ئۇ ئېچىۋېتىش شارائىتىدىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرالايدۇ، شېنجېن، جۇخەي، شەنتۇ، شيامېن قاتارلىق تۆت ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون جۇڭگودا ئىقتىساد ئەڭ تېز ئاشقان جايلارغا ئايلىنىپ، جۇڭگونىڭ تاشقى سودا ئېكسپورتىدىكى بىر كۈچلۈك قوشۇن بولۇپ قالدى. ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلار توغرا لىنىيىلىك ئىقتىسادىي بىرلىشىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىچكى جايلارنىڭ خەلقئارا بازار بىلەن تۇتىشىدىغان كۆۋرۈكىگە ھەمدە مەملىكەت بويىچە ئىسلاھاتنىڭ سىناق سورۇنىغا ئايلىنىپ قالدى، يارىتىش پائالىيىتى سىرتقا يۈزلەنگەن يېڭى ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماسلىشىپ، مەملىكەت بويىچە ئىسلاھات ئۈچۈن تەجرىبە ياراتتى.1984 - ۋە1985 - يىللىرى دۆلىتىمىز داليەن، چىڭخۇاڭداۋ، تيەنجىن، يەنتەي، چىڭداۋ، ليەنيۈنگاڭ، نەنتۇڭ، شاڭخەي، نىڭبو، ۋېنجۇ، فۇجۇ، گۇاڭجۇ، جەنجياڭ، بېيخەي، يىڭكۇ قاتارلىق15 دېڭىز بويى شەھىرىنى ئېچىۋەتتى، ئارقىدىن چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى ۋە فۇجيەننىڭ جەنۇبىدىكى دېلتا رايونىنى تەدرىجىي ئېچىپ، تاشقى مەبلەغدىن تېخىمۇ ئوبدان پايدىلىنىش ۋە تېخنىكا كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى.
← بارلىق تېمىلار بۈگۈنكى جۇڭگو
ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇش | UyghurWiki | UyghurWiki