بەش چوڭ قۇرۇلۇش
بۈگۈنكى جۇڭگو
«ئۈچ شىمال» (غەربىي شىمال، شىمالىي جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى، شەرقىي شىمالنىڭ غەربىي قىسمى) ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىدىن كېيىن، دۆلىتىمىز تەشكىللەپ يولغا قويۇۋاتقان ۋەتىنىمىزنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشلىرىدىن: تۈزلەڭلىكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، دېڭىز بويى ئىھاتە ئورمان قۇرۇلۇشى، تەيخاڭشەننى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، چاڭجياڭ دەرياسىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار بار. بۇ بەش چوڭ كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈن مەملىكەت زېمىنىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى قاپلايدۇ. بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تەبىئەتنى ئۆزگەرتىدىغان يەنە بىر غايەت زور قۇرۇلۇشتۇر.
«ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمان قۇرۇلۇشى دۆلەت زېمىنىنى قوغداش، يەر قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، تاغ - دەريالارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشتىكى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشتۇر. ئۇ شەرقتىن غەربكە قاراپ13 ئۆلكە، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ551 ناھىيىسىدىكى كىلىماتى قۇرغاق، قۇم - بوراننىڭ خەۋپىگە ئۇچرايدىغان، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر بولغان جايلارنى كېسىپ ئۆتىدۇ، پۈتكۈل قۇرۇلۇش دۆلەت زېمىنى كۆلىمىنىڭ %40 ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ پىلان سەككىز باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇلىدۇ، قۇرۇلۇش مۇددىتى1987 - يىلى باشلىنىپ، تەخمىنەن70 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ دۇنيا ئېكولوگىيىسىدىكى ئەڭ بولۇپ، «يېشىل10 مىڭ چاقىرىملىق سەددىچىن سېپىلى» دەپ نام ئالغان.
دېڭىز بويى ئىھاتە ئورمان قۇرۇلۇشى «يېشىل10 مىڭ چاقىرىملىق سەددىچىن سېپىلى» بىلەن يىراقتىن ماسلىشىپ تۇرىدۇ. ئۇ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى يېشىل سەددىچىن سېپىلىدۇر. ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويىدا ئون ئۆلكە، شەھەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ۋە60 ئوتتۇرا، كىچىك ئوچۇق شەھەر بار. ئەمما بۇ كەڭ رايونلار دائىم تەيفېڭ بورىنى، قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتى، قۇم - بوران قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئېلىمىزنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ يىلىغا ئوتتۇرىچە ھەر خىل تەبىئىي ئاپەت تۈپەيلىدىن ئۇچرىغان ئىقتىسادىي زىيىنى3 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. شۇڭا، بۇ رايونلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى كەڭ كۆلەمدە ياخشىلاش ئىنتايىن زۆرۈر. بۇ قۇرۇلۇش1989 - يىلىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى، ئورمان تورى بىلەن قاپلانغان ئېتىز - ئېرىق نەچچە مىليون موغا يەتتى، قاقاس تاغ، قاقاس يەر، قاقاس ساھىللاردا تۇتاش بىنا قىلىنغان ئورمان كۆلىمى20 مىليون موغا يېقىنلاشتى، دېڭىز بويى لىنىيىسىنىڭ3000 كىلومېتىردىن ئارتۇق قىسمى كۆكەرتىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئاپەتكە ئۇچرايدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ يېرىمى قوغداپ قېلىندى.
تۈزلەڭلىكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى. دۆلىتىمىزدە ئون چوڭ تۈزلەڭلىك بولۇپ، مەملىكەت بويىچە تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. لېكىن بۇ رايونلاردا دائىم قۇرغاقچىلىق، قۇرغاق ئىسسىق شامال قاتارلىق قۇم - بوران ۋە قۇرغاقچىلىق، ھۆلچىلىك ئاپەتلىرى دائىم كۆرۈلۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. تۈزلەڭلىكتىكى رايونلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن،7 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە «بەش، يەتتە، توققۇز» پىلانى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى، يەنى7 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە500 ناھىيە مەملىكەت بويىچە تۈزلەڭلىكنى كۆكەرتىش ئۆلچىمىگە يېتىش،8 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە700 ناھىيىگە يەتكۈزۈش،9 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە918 تۈزلەڭلىك ۋە يېرىم تۈزلەڭلىكتىكى ناھىيىلەرنىڭ ھەممىسىنى تۈزلەڭلىكنى كۆكەرتىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈپ، بۇ رايونلارنىڭ ئورمان يوق ۋە ئاز بولۇش قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت.
بۇنىڭدىن باشقا، تەيخاڭشەننى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە چاڭجياڭ دەرياسىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تاغلىق رايونلار ۋە دەريا بويىدىكى رايونلارنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىدىغان ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشلاردۇر. بۇ قۇرۇلۇشلار يولغا قويۇلسا، جەزمەن پۈتكۈل دۆلەت زېمىنىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن بەخت ياراتقىلى بولىدۇ