جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى
بۈگۈنكى جۇڭگو
1949 - يىل10 - ئاينىڭ1 - كۈنى رەئىس ماۋ زېدۇڭ بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا تۇنجى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى چىقاردى ھەمدە پۈتۈن دۇنياغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، جۇڭگونىڭ100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان باشقىلار تەرىپىدىن تالان - تاراج قىلىنىش ۋە ھاقارەتكە ئۇچراش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى.1840
- يىلىدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو خەلقى جاھانگىرلىكنىڭ تاجاۋۇزى ۋە ھاقارىتىگە ئۇچراپ، جاھانگىرلىك، فېئودالىزم ۋە بيۇروكرات كاپىتالىزمدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تاغ دەستىدىن ھالىدىن كەتكەنىدى. بۇ ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن، سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، باتۇرانە كۈرەش قىلدى، بولۇپمۇ1921 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن،28 يىللىق ئىنتايىن جاپالىق كۈرەش ئارقىلىق ئاخىر ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۈزۈل - كېسىل غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.1949 - يىلى9 - ئايدا ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى مۇقىملىشىپ قالغان ۋەزىيەتتە، بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ) دا جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ1 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزدى. يىغىندا «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق پروگراممىسى» ماقۇللاندى، ماۋ زېدۇڭ رەئىسلىكىدىكى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى ۋە ۋاكالەت دۆلەت شېئىرى قاراپ چىقىپ بېكىتىلدى.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىلىقىدىكى دۆلەت. مانا بۇ دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بارلىق ھاكىمىيەت خەلققە مەنسۇپ، خەلقنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدۇر. دېموكراتىيە - مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پرىنسىپى بويىچە تەشكىللەنگەن خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدۇر.