تىنچ مۇھىت
بۈگۈنكى جۇڭگو
تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ھازىرقى دۇنيادىكى ئىككى چوڭ مەسىلىدۇر. جۇڭگو ئىچكى قۇرۇلۇشنى زېھنىنى يىغىپ ياخشى يولغا قويماقتا. شۇڭا، تىنچ خەلقئارا مۇھىتقا تولىمۇ موھتاج. بىز ئىزچىل تۈردە مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولىدىغان تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويىمىز. بۇ سىياسەت تۆۋەندىكى ئون جەھەتتىكى مەزمۇننى ۋە ئاساسىي پرىنسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:1
. ئۆز دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ كەلگۈسى مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىپ، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى ئورتاق گۈللەندۈرۈشنى تاشقى خىزمەتنىڭ تۈپ مەقسىتى قىلىش.2
. دۆلەت مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، نامرات ياكى باي بولسۇن، كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولسۇن، بىردەك باراۋەر، چوڭلار كىچىكلەرنى بېسىش، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشقا قارشى تۇرۇش.3
. ھەرقانداق ۋاقىتتا مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق خەلقئارا مەسىلىلەردە ئۆز پوزىتسىيىسىنى ۋە تەدبىرىنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا بېكىتىش.4
. جۇڭگو ھەرقانداق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ھەرگىز بېقىنمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن ھەرگىزمۇ ئىتتىپاق تۈزمەيدۇ ياكى ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەت ئورناتمايدۇ.5
. جۇڭگو تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش بەش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ ھەمدە مۇشۇ ئاساستا دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىناق ۋە دوستانە ئۆتۈپ، ھەمكارلىشىدۇ، ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ۋە ئىدېئولوگىيىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ يىراق - يېقىنلىق ۋە ياخشى - ناچارلىقنى بېكىتمەيدۇ.6
. ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى خىزمىتىدىكى ئاساسىي مەۋقە قىلىش.7
. جۇڭگو ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە قارشى تۇرىدۇ، بىرىنچى قېتىم يادرو سىنىقى قىلغان چاغدىلا دۆلىتىمىز يادرو قوراللىرىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش ۋە ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ھەرقانداق ئەھۋالدا ئالدى بىلەن يادرو قورالى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.8
. ئۇزاققىچە ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان سودا، تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش.9
. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىگە ئاساسەن ئىشلەيدىغان خىزمەتلىرىنى قوللاش.10
. ھەرقايسى ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە ئالاقىگە ئەھمىيەت بېرىش.
جۇڭگونىڭ مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشتەك دىپلوماتىيە سىياسىتى تېخىمۇ كۆپلىگەن دوستلار ۋە تېخىمۇ يۇقىرى خەلقئارا ئابرۇيغا ئىگە قىلدى، دۇنيا تىنچلىقىنى كۈچلۈك قوغداپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پايدىلىق خەلقئارا تىنچلىق مۇھىتى يارىتىپ بەردى.