ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش
بۈگۈنكى جۇڭگو
سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكسپىلاتاتسىيىنى يوقىتىپ، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ كېتىشنى تۈگىتىپ، ئەڭ ئاخىردا ئورتاق بېيىش مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت.1982 - يىلى9 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك12 - قۇرۇلتىيىدا «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش» ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئېلىمىزدە ھازىرقى باسقۇچتىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ماددىي ۋە مەدەنىي ئېھتىياجى بىلەن قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىكەنلىكى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. شۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا: «نامراتلىق − سوتسىيالىزم ئەمەس» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى ئىككى قاتلاپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش ئىستراتېگىيىلىك نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ئومۇمەن ئۈچ قەدەمگە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى قەدەمدە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى مۇشۇ ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىكى1980 - يىلىدىكىدىن بىر قاتلاپ، خەلقنىڭ كىيىش - تويۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ ۋەزىپە غەلىبىلىك ئەمەلگە ئاشتى. ئىككىنچى قەدەمدە1988 - يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يەنە بىر ھەسسە ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. ئۈچىنچى قەدەمدە21 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، ئوتتۇرىچە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئوتتۇراھال تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى خېلى باياشات قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.