UyghurWiki
UyghurWikiبۈگۈنكى جۇڭگوئون چوڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش

ئون چوڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش

بۈگۈنكى جۇڭگو 8 - بەش يىللىق پىلان (1991 −1995 ) مەزگىلىدە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش كۆلىمى يەنىمۇ كېڭىيىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇشلار مۇنۇلار: شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىنى ئېچىش. بۇ دۇنياغا مەشھۇر نۇقتىلىق قۇرۇلۇش، شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچىسى. بۇ يېڭى رايوننىڭ كۆلىمى518 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئومۇمىي سېلىنمىسى خەلق پۇلى ھېسابىدا100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ. كېيىنكى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، شاڭخەي خەلقئارادا ئىقتىساد، سودا ۋە پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. خەينەن ياڭپۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى. بۇ ئېلىمىزدىكى تۇنجى چوڭ ئەركىن پورت رايونى، شۇنداقلا ھازىرقى تاشقى مەبلەغ بىلەن تۇتاش ئېچىلغان ئەڭ چوڭ تۈر ھېسابلىنىدۇ. سانائەت رايونىنىڭ كۆلىمى30 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي سېلىنمىسى130 مىليارد شياڭگاڭ پۇلىدىن ئاشىدۇ. جىلىن خۇيچۈن تەرەققىيات رايونى. بۇ تۇمېنجياڭ دېلتىسىغا جايلاشقان، جۇڭگو، روسىيە، چاۋشيەن، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر چېگرىلىنىدىغان ئالتۇن دېلتىدا بولۇپ، كۆلىمى1000 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ.20 يىل ئىچىدە شەرقىي شىمالىي ئاسىيادىكى «شياڭگاڭ» قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. بۇ جاي ب د ت تەرەققىيات - پىلان مەھكىمىسى بەرگەن كۆپلىگەن مەبلەغ ۋە تېخنىكا ياردىمىدىن پايدىلىنىدۇ. چاڭجياڭ سەنشيا سۇچىلىق تۈگۈنى. بۇ ئېلىمىزدىكى سېلىنمىسى ئەڭ كۆپ سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى بولۇپ، پۈتكۈزۈلگەندىن كېيىن توك ھاسىل قىلىش، سۇغىرىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ («ئەسىر ھالقىيدىغان سەنشيا قۇرۇلۇشى» غا قاراڭ). جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش قۇرۇلۇشى. بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق چاڭجياڭ ۋە خەنشۇي دەرياسىنىڭ سۈيى شىمالغا يۆتكىلىپ، شىمالىي جۇڭگو ۋە بېيجىڭ، تيەنجىن رايونلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئۆزگەرتىلىدۇ. ھازىر بۇ قۇرۇلۇش تەييارلىق باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بېيجىڭ - جيۇلۇڭ غول تۆمۈر يولى. ېيجىڭدىن بىۋاسىتە جيۇلۇڭغا بارىدىغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى2370 كىلومېتىر كېلىدىغان جەنۇب - شىمال چوڭ تومۇرى بولغان بۇ تۆمۈريول بېيجىڭ - گۇاڭجۇ، بېيجىڭ - شاڭخەي لىنىيىسى ئارىلىقىدىكى يېڭى تۆمۈريول لىنىيىسى ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمىي لىنىيىدە ئون چوڭ بۆلەك بويىچە ئايرىم - ئايرىم قۇرۇلۇش قىلىنىپ،1997 - يىلى شياڭگاڭ ۋەتىنىمىز قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنىشتىن ئىلگىرى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە پويىز قاتنىدى. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈريولى قوش لىنىيىسى. بۇ لەنجۇدىن شىنجاڭغا كېلىدىغان يېڭى قوش لىنىيە، شۇنداقلا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ليەنيۈنگاڭ شەھىرىدىن گوللاندىيىنىڭ روتتېردام پورتىغا بارىدىغان ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ مۇھىم ھالقىسىدۇر. ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى1622 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ لىنىيىدە1995 - يىلىدىن باشلاپ پويىز قاتنىدى. بېيجىڭ - دەندۇڭ خەلقئارا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى. بۇ ياپونىيىنىڭ دۇڭجىڭ شەھىرىدىن باشلىنىپ سېئول، پيۇڭياڭ، بېيجىڭ ۋە موسكۋادىن ئۆتۈپ لوندون شەھىرىگە بارىدىغان «دۇنيا تىنچلىقى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى پىلانى» نىڭ بىر قىسمىدۇر، بۇنىڭ بېيجىڭدىن دەندۇڭغىچە بولغان ئارىلىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى850 كىلومېتىر كېلىدۇ. بېيجىڭ - گۇاڭجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى. بېيجىڭدىن گۇاڭجۇغا بارىدىغان بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى3500 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك ئەسلىدىكى بېيجىڭ - گۇاڭجۇ تۆمۈريولى بىلەن پاراللېل ماڭىدىغان زامانىۋى تاشيولدۇر. خاربىن - نىڭبو يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى. بۇ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدىن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىگە بارىدىغان يېڭى تاشيول لىنىيىسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى3500 كىلومېتىر كېلىدۇ، خاربىندىن باشلىنىپ چاڭچۈن، شېنياڭ، چىڭخۇاڭداۋ، چىڭداۋ، ليەنيۈنگاڭ، نەنجىڭدىن ئۆتۈپ نىڭبوغا بارىدۇ. ئۇ شەرقىي شىمال ۋە شىمالىي جۇڭگونىڭ دېڭىز بويىدىن جەنۇبقا قاراپ شەرقىي جۇڭگوغا بىۋاسىتە بارىدىغان ھەر تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن چوڭ يول.
← بارلىق تېمىلار بۈگۈنكى جۇڭگو