تەبىئىي بايلىقى
بۈگۈنكى جۇڭگو
جۇڭگونىڭ ئەزەلدىن يېرى كەڭ، بايلىقى مول بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر، بۇ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى. لېكىن ئاھالىسى بەك كۆپ بولغانلىقتىن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان بايلىق مىقدارى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن بەكلا تۆۋەن، بۇ پايدىسىز ئامىلدۇر.
ئاساسلىق دەريالىرى
ئېلىمىزدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر كۆلىمى تەخمىنەن14 موغا يېتىدۇ، لېكىن دۇنيا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر كۆلىمى
5 .49 موغا يېتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى1 مىليارد500 مىليون مو بولۇپ (دۆلەت زېمىنىنىڭ %10.4 ىنى ئىگىلەيدۇ)، كىشى بېشىغا ئارانلا بىر مودىن كۆپرەك توغرا كېلىدۇ. ۋەھالەنكى، دۇنيا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ كۆلىمى5 .5 موغا يېتىدۇ.
جۇڭگودا كۆپ خىل ئىقلىم بايلىقى بار، ئىسسىقلىق شارائىتى ئەۋزەل. پۈتكۈل دۆلەت زېمىنىنىڭ %1.2 ى سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغقا جايلاشقان، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى %26.7 نى ئىگىلەيدۇ، بۇلاردىن سىرت،%72.1 جاي مۆتىدىل بەلۋاغ ۋە تروپىك بەلۋاغ ئارىلىقىغا جايلاشقان، بۇلار ئىچىدە مۆتىدىل بەلۋاغقا جايلاشقىنى %25.9، ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغقا جايلاشقىنى. %18.5، سۇبتروپىك بەلۋاغقا جايلاشقىنى %26.1، تروپىك بەلۋاغقا جايلاشقىنى %1.6، ئېكۋاتور بەلۋىغىغا جايلاشقىنى %0.1 كە يەتمەيدۇ. ئىسسىقلىق شارائىتى ھەر خىل ھايۋانات، زىرائەتلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۆسۈشىگە ئىنتايىن پايدىلىق.
جۇڭگونىڭ سۇ بايلىقى بىرقەدەر مول بولۇپ، دۇنيا بويىچە بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. لېكىن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ مىقدارى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭكىدىن ئاز. جۇڭگونىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ مىقدارى تەخمىنەن2380 كۇب مېتىرلا كېلىدۇ، دۇنيا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ مىقدارى10 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدۇ.
جۇڭگونىڭ دەريا - ئېقىنلىرى بىرقەدەر كۆپ، بايلىقى مول. مەملىكەت بويىچە ھاۋزا كۆلىمى100 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان دەريالار50 مىڭدىن ئاشىدۇ،1000 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغانلىرى1580 گە يېتىدۇ،10 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان دەريالاردىن79 ى بار. بۇنىڭ ئىچىدە چاڭجياڭ، خۇاڭخې، خېيلۇڭجياڭ دەريالىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن10 چوڭ دەرياغا كىرىدۇ.
جۇڭگودا ھازىر بىر كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان تەبىئىي كۆللەردىن2800 ى بار، ئومۇمىي كۆلىمى80 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.500 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان چوڭ كۆللەردىن28 ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە چىڭخەيدىكى چىڭخەي كۆلى، جياڭشىدىكى پەنياڭ كۆلى، خۇنەندىكى دۇڭتىڭخۇ كۆلى، جياڭشى ۋە جېجياڭدىكى تەيخۇ كۆلى، ئىچكى موڭغۇلدىكى خۇلۇنتۇر كۆلى، جياڭسۇدىكى خۇڭزې كۆلى، شىزاڭدىكى نامسو كۆلى ۋە سىلىڭ كۆلى، شەندۇڭنىڭ جەنۇبىدىكى تۆت كۆل، شىنجاڭدىكى باغراش كۆلى، ئەنخۇيدىكى چاۋخۇ كۆلى قاتارلىق كۆللەر800 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.
جۇڭگونىڭ قېزىلما بايلىقى مول، تۈرى تولۇق بولۇپ، مۇستەقىل ۋە مۇكەممەل سانائەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىلغان. جۇڭگو يەنە ئېنېرگىيە بايلىقى مول دۆلەت بولۇپ، زاپاس مىقدارى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. كۆمۈر زاپىسى روسىيىدىن قالسا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نېفىت بايلىقى مول، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ. سۇ ئېنېرگىيە بايلىقى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىر ئېچىپ پايدىلىنىۋاتقان سۇ تېخى %10 كە يەتمەيدۇ.