بۈگۈنكى جۇڭگو
بۈگۈنكى جۇڭگو
بۈگۈنكى جۇڭگو40 نەچچە يىللىق پىلانلىق ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئارقىلىق، تۈرى بىرقەدەر تولۇق بولغان سانائەت سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، «كەمبەغەللىك قالاقلىق» قىياپىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزگەرتىپ، يەنىمۇ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن شارائىت ياراتتى.1978
- يىلى12 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا بۇراپ، سىرتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىچكى جەھەتتە جانلاندۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى. دۆلەت سانائەتنى تەڭشەپ ۋە ئىسلاھ قىلىپ، بىرلا خىل ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەر خىل ئىگىلىك تەركىبلىرى ۋە كۆپ خىل ئىگىلىك شەكىللىرى ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېنىك سانائەت ۋە ئېنېرگىيە ئۇل سانائىتىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېنىك سانائەتنىڭ نىسبىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، پۈتكۈل ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈرى بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان سانائەت سىستېمىسى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.1949 - يىلى جۇڭگونىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى55 مىليارد700 مىليون يۈەن ئىدى،1993 - يىلىغا كەلگەندە3 تىرىليون يۈەنگە يەتتى.1949
- يىلى پولات مەھسۇلات مىقدارى158 مىڭ توننىلا ئىدى،1992 - يىلى80 مىليون توننىغا يەتتى.1949 - يىلى نېفىت مەھسۇلات مىقدارى120 مىڭ توننا ئىدى،1992 - يىلى141 مىليون توننىغا يەتتى.1949 - يىلى كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى32 مىليون توننا ئىدى،1992 - يىلى1 مىليارد110 مىليون توننىغا يەتتى.1949 - يىلى جۇڭگودا ئاپتوموبىل سانائىتى يوق ئىدى،1992 - يىلى جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى1 مىليون82 مىڭغا يەتتى.1992
- يىلى جۇڭگودا چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سانائەت كارخانىلىرى نەچچە ئون مىڭغا يېتىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جايلىشىشىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىرقەدەر مول ماددىي ۋە تېخنىكا ئاساس سېلىندى.