UyghurWiki
UyghurWikiبۈگۈنكى جۇڭگودۆلەت گېربى

دۆلەت گېربى

بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭگونىڭ دۆلەت گېربى لايىھىسىنىڭ مەزمۇنى دۆلەت بايرىقى، تيەنئەنمېن، چىشلىق چاق ۋە بۇغداي باشىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىلىقىدىكى يېڭى جۇڭگونىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە سىمۋول قىلىنىدۇ.1950 - يىل6 - ئاينىڭ18 - كۈنى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى1 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ2 - يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى لايىھىسى، شۇنىڭدەك بۇ لايىھە توغرىسىدىكى ئىزاھات ماقۇللاندى. شۇ يىلى9 - ئاينىڭ20 - كۈنى رەئىس ماۋ زېدۇڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېلان قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇش ھارپىسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن مەركىزىي گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىدا دۆلەت گېربى لايىھىلەش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. داڭلىق پروفېسسور لياڭ سىچېڭ، لىن خۇييىن، داڭلىق رەسسام ۋە پروفېسسور جاڭ تىڭ ۋە جۇ لىڭجاۋلار بۇ گۇرۇپپىغا قاتناشتى، مەملىكەت بويىچە دۆلەت گېربى لايىھىسىدىن بىرنەچچە يۈزى توپلاندى، قايتا - قايتا سېلىشتۇرۇش ھەمدە گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتى بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلىرى پىششىقلاش ۋە لايىھىلەش ئارقىلىق ھازىرقى دۆلەت گېربى لايىھىسى تۈزۈپ چىقىلدى. دۆلەت گېربىدە تيەنئەنمېننىڭ سۈرىتى مىللەت روھىنىڭ سىمۋولى قىلىنىدۇ، چىشلىق چاق ۋە بۇغداي باشىقى ئىشچىلار ۋە دېھقانلار سىنىپىغا سىمۋول قىلىنىدۇ. دۆلەت گېربىدىكى بەش يۇلتۇز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بۈگۈنكى جۇڭگو
دۆلەت گېربى | UyghurWiki | UyghurWiki