UyghurWiki
UyghurWikiبۈگۈنكى جۇڭگوۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش

ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش

بۈگۈنكى جۇڭگو ئەجدادى بىر بولغان جۇڭخۇا مىللەتلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزاققىچە بۆلۈنۈپ كېتىش ۋەزىيىتىگە چىداپ تۇرالمايدۇ. تەيۋەن مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمىتىمىز «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەتىنىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدىكى ئۇلۇغۋار ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەردى، لېكىن قىرغاقنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى خەلقنىڭ يەنىلا ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. تەيۋەن جۇڭگونىڭ زېمىنى.1895 - يىلى ياپون جاھانگىرلىكى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى تەڭسىز «جۇڭگو - ياپونىيە ماگۇەن شەرتنامىسى» نى ئىمىزالاشقا مەجبۇرلاپ، تەيۋەننى بېسىۋالدى.1945 - يىلى10 - ئايدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەيۋەندە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان دۆلەت − ياپونىيىنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلىپ، تەيۋەنگە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.1949 - يىلى10 - ئايدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى گۇاڭجۇدىن تەيۋەنگە چېكىندى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئۇزاققىچە بۆلۈنۈپ كېتىش ئەھۋالى باشلاندى. مۇشۇ ئارىلىقتا چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەن بىر جۇڭگو دېگەن مەيداندا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى جۇڭگو»، «بىر جۇڭگو، بىر تەيۋەن»، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» دېگەن قاراشلارغا قارشى تۇردى. ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئىجتىمائىي تۈزۈم شارائىتىدا، چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننى قانداق بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك؟ بۇ جەھەتتە دېڭ شياۋپىڭ ئالدى بىلەن «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم، تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش» دېگەن تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: بىرىنچى، بىر جۇڭگو دېگەن مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى جۇڭگو»، «بىر جۇڭگو، بىر تەيۋەن»، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» دېگەن تەشەببۇسلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھەر قانداق چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ بىرلىكىگە ئارىلىشىشى ۋە توسقۇنلۇق قىلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىق؛ ئىككىنچى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئاساسىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن جۇڭگو گومىنداڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇپ، ۋەتىنىمىزنى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشتەك ئۇلۇغ ئىشنى بىرلىكتە ئورۇنداش؛ ئۈچىنچى، جۇڭگو بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈمنى يولغا قويۇش، تەيۋەن جۇڭگونىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى سۈپىتىدە يۈكسەك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش، ھازىر يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈملىرىنى ئۆزگەرتمەسلىك، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەسلىك؛ چەت ئەللەر بىلەن بولغان ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش؛ تەيۋەن ئۆزىنىڭ ئارمىيىسىگە ئىگە بولۇش، چوڭ قۇرۇقلۇق تەيۋەندە ئارمىيە تۇرغۇزماسلىق، مەمۇرىي خادىم ئەۋەتمەسلىك. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قىرغاقنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خەلق، تەيۋەن خەلقى ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق ۋەتىنىمىز جەزمەن بىرلىككە كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار بۈگۈنكى جۇڭگو