UyghurWiki
UyghurWikiبۈگۈنكى جۇڭگومەمۇرىي رايونلار

مەمۇرىي رايونلار

بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭگونىڭ يەرلىك مەمۇرىي رايونلىرى ئۆلكە (جۈملىدىن ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)، ۋىلايەت (جۈملىدىن ئاپتونوم ئوبلاست، ئايماق)، ناھىيە (ئاپتونوم ناھىيە، خوشۇن، ئاپتونوم خوشۇن) دىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. تەيۋەن، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېن جۇڭگونىڭ زېمىنى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر دۆلىتىمىزدە23 ئۆلكە، بەش ئاپتونوم رايون، تۆت بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بار (ئىزاھات:1977 - يىل3 - ئاينىڭ14 - كۈنى8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ5 - يىغىنىدا چۇڭچىڭ بىۋاسىتە قاراشلىق شەھىرىنى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ ماقۇللاندى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۆلىتىمىزدە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن تۆتى بار، چۇڭچىڭغا قاراشلىق رايونلاردىن فۇلىڭ، ۋەنشيەن، چيەنجياڭ قاتارلىقلار بولۇپ، يەر كۆلىمى82 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا، ئاھالىسى30 مىليون20 مىڭغا يېتىدۇ). ئىزاھات: تەيۋەن ئۆلكىسى تەيۋەن ئارىلى بىلەن پېڭخۇ تىزما ئاراللىرى، لەنيۈ ئارىلى، خوشاۋ ئارىلى، چىۋېي ئارىلى، لۈداۋ ئارىلى قاتارلىق87 ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى36 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى تەخمىنەن20 مىليوندىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ %97 ى خەنزۇلار، يەنە گاۋشەن مىللىتى بار. تەيۋەن ئارىلى شىمالدا دۇڭخەي دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ، شەرقىي شىمالى ريوكيو تاقىم ئاراللىرى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇبتا دېڭىز ئارقىلىق فىلىپپىن بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، فۇجيەن ئۆلكىسىگە ئەڭ يېقىن جايى100 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. تەيۋەن ئارىلىنىڭ3 /2 قىسمى تاغلىق بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1000 مېتىردىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تەيدۇڭ تاغ تىزمىسى، مەركىزىي تاغ تىزمىسى، شۆشەن تاغ تىزمىسى، يۈشەن تاغ تىزمىسى، ئارل تاغ تىزمىسى قاتارلىقلار بار. تەيۋەندىكى دەريالاردىن ئاساسلىق جۇشۇي دەرياسى، شيادەنشۇي دەرياسى، دەنشۇي دەرياسى قاتارلىق ئۈچ چوڭ دەريا سىستېمىسى بار. تەيۋەننىڭ جەنۇبىدىكى تۈزلەڭلىك تەيۋەننىڭ يېزا ئىگىلىك رايونى بولۇپ، ئاھالىسى زىچ، بايلىقى مول. تەيۋەننىڭ كامفورا ئىشلەپچىقىرىشى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.1895 - يىلى ياپون جاھانگىرلىكى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى تەڭسىز »جۇڭگو - ياپونىيە ماگۇەن شەرتنامىسى« نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، تەيۋەن ئۆلكىسىنى زورلۇق بىلەن بېسىۋالغان.1945 - يىلى10 - ئايدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەيۋەندە ئۇرۇشتا يېڭىلگەن دۆلەت — ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولۇشىنى قوبۇل قىلىپ، تەيۋەنگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
← بارلىق تېمىلار بۈگۈنكى جۇڭگو