شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېنلارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش
بۈگۈنكى جۇڭگو
«بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» دىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار تەسەۋۋۇر بويىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە، پورتۇگالىيە ھۆكۈمەتلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېننى ۋەتىنىمىز قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو زېمىنىنى چەت ئەللەرگە «ئۇزاق مۇددەت ئىجارىگە بېرىۋېتىدىغان» تارىخ ئاخىرلاشتى.
شياڭگاڭ ئارىلى قەدىمدىن تارتىپلا جۇڭگونىڭ زېمىنى،1842 - يىلى ئەنگلىيە بۇ يەرنى مەجبۇرىي ئىگىلىۋالغان.1898 - يىلى ئەنگلىيە جۇڭگونىڭ جياۋۇ ئۇرۇشىدا يېڭىلگەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى شىنجيې رايونى (شياڭگاڭ ئارىلى بىلەن قوشۇلۇپ شياڭگاڭ دېيىلىدۇ) نى ئۆزلىرىگە ئىجارىگە بېرىشكە مەجبۇرلىغان، ئىجارە مۇددىتى99 يىل بولغان.1997 - يىلى ئىجارە قەرەلى توشتى. ھۆكۈمىتىمىز «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» دېگەن تەسەۋۋۇرغا بىنائەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىچىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇقتا سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەندە كاپىتالىزم تۈزۈمىنى يولغا قويدى. مۇشۇ تەسەۋۋۇر بويىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ،1984 - يىل12 - ئاينىڭ19 - كۈنى جۇڭگو - ئەنگلىيە قوشما باياناتىنى رەسمىي ئىمزالىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى1997 - يىل7 - ئاينىڭ1 - كۈنىدىن باشلاپ شياڭگاڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى شياڭگاڭنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى قارار قىلدى.1990 - يىلى4 - ئايدا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنىنى ماقۇللاپ، ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا تارىختا قېپقالغان مەسىلىلەرنى تىنچ ۋە دوستانە يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك ئەندىزە بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيانىڭ قانۇنچىلىق تارىخىدا ئىجادىي تۆھپە ياراتتى.
ئاۋمېن پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن1553 - يىلى مەجبۇرىي قىرغاققا چىقىپ ئىجارىگە ئېلىۋېلىنغان،1887 - يىلى مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىنغان جۇڭگو زېمىنىدۇر.1979 - يىلى جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئاۋمېن مەسىلىسى ھەققىدە ئۆزئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلدى.1985 - يىلى5 - ئايدا پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى ئايانىس جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەندە، جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە ئىككى تەرەپ دوستانە ھەمكارلىشىش روھى بىلەن قوشما بايانات ئىمزالاپ، ئاۋمېن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇددىئاسىنى ئىپادىلىدى.1988 - يىل1 - ئاينىڭ15 - كۈنى جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە ۋەكىللىرى بېيجىڭدا قوشما باياناتنىڭ تەستىقنامىسىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو1999 - يىل12 - ئاينىڭ20 - كۈنى ئاۋمېننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولدى.